
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەندۇڭ پورتى يەنتەي پورتىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار تاۋار ئاپتوموبىل نۆۋەتچى پويىزىدىن چىقىپ پىرىستانغا يىغىلىپ پاراخوتقا قاچىلىنىپ ئېكسپورت قىلىنىشنى كۈتمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تاڭ كې فوتوسى)
جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بىردەك 34 مىليوندىن ئېشىپ، يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بىردەك 16 مىليوندىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشقان.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، چىرۇي يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى شىجياجۇاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لياڭ زىدۇڭ فوتوسى)
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرى چاڭشىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى چاڭشىڭ دىتۇڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار رەقەملىك سېختا سانائەت ماشىنا ئادىمى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى زاكازىنى جىددىي تەييارلىماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان تەن يۈنفېڭ فوتوسى
2025-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھىرى يۈشاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى زامانىۋى جابدۇق ياسىمچىلىقى كەسىپلەر بازىسىدىكى بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىسىدا، ئىشچىلار قۇراشتۇرۇش سېخىدا خىزمەت قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى خېڭ فوتوسى)
2025-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونىدىكى 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى جيېفاڭ چىڭداۋ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ باش قۇراشتۇرۇش سېخىدا، ئىشچىلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى قۇراشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لياڭ شياۋپېڭ فوتوسى)
2025-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ پورتىدىكى 68-نومۇرلۇق پاراخوت توختىتىش ئورنىدا، بىر ئايلانما مال قاچىلاش پاراخوتىغا ئېكسپورت ئاپتوموبىللىرى قاچىلىنىپ توشۇلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ جيەنمىن فوتوسى)
2025-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھىرى يۈشاڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كارخانىسىدا، ئىشچىلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك يېنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەھسۇلات زاكازىنى جىددىي تەييارلىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (لى خېڭ فوتوسى)
مەنبە: شىنخۇا تورى






