تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بوۋاقلار ۋە بالىلار كىيىمى، ئوقۇغۇچىلار كىيىمى قاتارلىقلار نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ! يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى

  مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بوۋاقلار، بالىلار تالا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار كىيىمى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مەھسۇلات نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىكەن.

تالا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى

بوۋاقلار، بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار كىيىمى قاتارلىقلار نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ

   يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

   داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن تالالىق تاشلاندۇق، دەپنە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلگەن تالالىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىپ تالالىق بۇيۇملارنى پىششىقلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛

   قايتا پىششىقلانغان تالادىن پايدىلىنىپ، ئىچ كىيىم، بوۋاقلار، بالىلار تالالىق بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

   تەكرار پايدىلىنىلىدىغان خىمىيەلىك تالادىن پايدىلىنىپ، بوۋاقلار، بالىلار مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تالادىن ياسالغان تولدۇرما، سېلىنچا ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

   «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»دە يەنە تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەلگىسىگە قاتتىق تەلەپ قويۇلدى.
 
   ئوقۇغۇچىلار كىيىمى، ئىچ كىيىم، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ تالا بۇيۇملىرىغا تالا تەركىبى ۋە مىقدارى، بىخەتەرلىك تۈرى يېزىلىشى كېرەك؛
 
   تەكرار پايدىلىنىدىغان خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن تالا ياسالمىلىرىنىڭ بەلگىسىدە، ئىشلىتىلگەن خام ئەشيانى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك؛
  
   ئوقۇغۇچىلار كىيىمىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن سالاھىيەتكە ئىگە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە زاۋۇتتىن چىقىرىپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ساتسا بولىدۇ.
  
   بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سۈپەت نازارەتچىلىكى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شېڭلى مۇنداق تەكىتلىدى: ئوقۇغۇچىلار كىيىمى قاتارلىق مەركەزلىك سېتىۋېلىش، بىرتۇتاش ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى مال بىلەن تەمىنلەشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە يوللاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەربىر تۈركۈم مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
 
   ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى» بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

يوتقان-كۆرپە قاتارلىقلارغا كېرەكسىز، كونا بۇيۇملارنى تولدۇرما قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

   بوۋاقلار، بالىلار توقۇلما بۇيۇملىرى، مەكتەپ فورمىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن باشقا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»دە، پاختىلىق تالا مەھسۇلاتلىرى (يەنى يوتقان-كۆرپە، پاختىلىق كىيىم قاتارلىقلار)غا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ، يىغىۋېلىنغان كونا، كېرەكسىز بۇيۇملارنى تولدۇرما قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

   بۇلغانغان تالا، كېرەكسىز، كونا تالا ياسالمىلىرى ياكى قايتا پىششىقلانغان تالا، قىسقا پاختا تىۋىتى (قولدا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 13mmدىن تۆۋەن) قاتارلىقلارنى تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تالا ياسالمىلىرىنىڭ تولدۇرمىسى، سېلىنچا ماتېرىيالىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يەنە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمى «تالادىن ئىشلەنگەن تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا تەلىپى» (GB 18383-2025)نى ئېلان قىلدى، بۇ ئۆلچەم بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭى دۆلەت ئۆلچىمىدە، قايتا ھاسىل بولغان پولى ئېستېر تالاسىدىن باشقا، تەكرار پايدىلىنىدىغان باشقا خىمىيەلىك تالالارنى ئۈچ ياش (36 ئاي) ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان تالا بۇيۇملىرىنى تولدۇرۇش، سېلىنچىلارنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت يېڭى ئۆلچىمىدە يەنە ئوخشاش بولمىغان ماتېرىياللاردىكى تالالىق بۇيۇملارنىڭ ئارىلاشما نىسبىتى ۋە ئىجازەتلىك پەرق دائىرىسى بەلگىلىنىپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ساختا بەلگە قويۇش مەنئى قىلىندى.

   بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۆلچەم-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈخۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكرار پايدىلىنىدىغان خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تالادىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردا ھەر خىل ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق بارلىق خام ئەشيالارنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك، بۇ، تەكرار پايدىلىنىدىغان خام ئەشيانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقى قوغدىلىشى كېرەك. 

توردا ۋە تور سىرتىدا پۈتۈن يول بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش

سۈپەت خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش

   بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: تالا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ساھەسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى «قەتئىي يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سۈپەت نازارەتچىلىكى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى نۇقتىلىق تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

   يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش چارىسى»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىشلەپچىقارغۇچىلار خام ماتېرىيال ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    ۋاڭ شېڭلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تىجارەت خاراكتېرلىك مۇلازىمەت ئاساسىي گەۋدىلىرى مال كىرگۈزگەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە خاتىرىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇچۇرنى تەكشۈرگىلى، جەرياننى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرگىلى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. قائىدىگە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، بولۇپمۇ ئىشلىتىش چەكلەنگەن خام ئەشيا قاتارلىق بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقىغا چېتىلىدىغان قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق، تېز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر بولغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارنى قانۇن بويىچە «بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ، تارماق ھالقىپ بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش، بىر ئورۇندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ھەممە تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچرىتىش كېرەك.

   ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، بىۋاسىتە سېتىش، جەمئىيەت ئالاقىسى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى قاتارلىق يېڭىچە سېتىش يوللىرىغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى توردا ۋە تور سىرتىدا پۈتۈن يول بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تالا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى ۋاقتىدا باھالاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

   بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تالا تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇ يۆجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلار، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ساھەلەر ۋە يېڭى تىپتىكى ماتېرىياللارنى نىشانلىق كۆزىتىش، بولۇپمۇ كېرەكسىز، كونا توقۇلما بۇيۇملاردىن تەكرار پايدىلىنىش ھالقىسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىدارلىق تالا ماتېرىياللىرى قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت ساھەلەردە مەخسۇس كۆزىتىش بۆلىكى قۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ھۆكۈم قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.