مەۋسۇملۈك ئىمتىھان يېقىنلاشتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى جىسمانىي ۋە روھىي ھالەت بىلەن تەكرار قىلىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنى) مەخسۇس ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، ئوزۇقلۇق، ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيىتى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىسخىكىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋسۇم ئاخىرى باسقۇچىدىن نورمال ئۆتۈشىگە كۈچ قوشتى.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بەدەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارنى ساقلاشنىڭ ئاساسى ئىكەن. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقنى قانۇنىيەتلىك يېيىش، ئەتىگەنلىك تاماقتا ئاقسىل بىلەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، چۈشلۈك تاماقتا يېتەرلىك مىقداردا كۆكتات ۋە مۇۋاپىق مىقداردا قارا گۆش، بېلىق، راك قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىللار بولۇش، كەچلىك تاماقتا ياغسىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش؛ تەكرار ئارىلىقىدا قاتتىق پوستلۇق مېۋە، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىش، قەنت، ياغ تەركىبى يۇقىرى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەر ۋە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، قان شېكىرىدىكى داۋالغۇش ياكى ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىش جەھەتتە، يېتەرلىك ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كېرەك. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 7.5 سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئۆگىنىش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش، لەرزان مۇزىكا ئاڭلاش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئازادە قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىش ھەم يېنىك دەرىجىدە بەدەن سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش كەيپىياتنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
ھازىر، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانغا ئوڭۇشلۇق تەييارلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ۋاقتىدا قېلىن ياكى نېپىز كىيىنىش، ئادەم زىچ سورۇنلاردا ئىلمىي ماسكا تاقاش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، «20-20-20» كۆز ئاسراش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، توغرا ئوقۇش-يېزىش قىياپىتى ۋە مۇۋاپىق يورۇقلۇق مۇھىتىنى ساقلاپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتىش؛ ئەگەر قىزىش، يۆتىلىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئارام ئېلىش، كېسەل ھالەتتە ئۆگىنىشتىن ساقلىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مۇقىم كەيپىيات ۋە تىنچ روھىي ھالەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق. ئوقۇغۇچىلار باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشان بېكىتىش، مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېسىمنى تەڭشىسە بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، بالىلارنى قوللايدىغان ئىللىق ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ، تەمكىن روھىي ھالەت بىلەن ئىمتىھاننى كۈتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






