تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يېڭى تۇرمۇشنى «سىزىپ» چىقىش

1-ئاينىڭ 14- كۈنى، نەبىجان ئابدۇراخمان رەسىم سىزىشتىن بۇرۇن بوياق تەڭشىمەكتە.

 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، نەبىجان ئابدۇراخمان دېھقانلار رەسىمى سىزماقتا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، نەبىجان ئابدۇراخمان (ئوڭدىن 1-كىشى) دېھقان رەسساملار بىلەن بىللە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسى ئاۋات بازىرىنىڭ بوستان مەھەللىسىدە نەبىجان ئابدۇراخمان (سولدىن 1-كىشى) مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن پىكىرلەشمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

   1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك دولان مەدەنىيىتى (دېھقانلار رەسىمى) غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە، ئاۋات ناھىيەلىك دولان دېھقانلار رەسىمى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، دولان دېھقانلار رەسىمى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى نەبىجان ئابدۇراخمان رەسىم جازىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر پارچە دېھقانلار رەسىمىنى كۆڭۈل قويۇپ سىزماقتا.

   بالىلىق چاغلىرىدا، ئاپىسى ئوچاقتىكى كۆمۈر بىلەن سىزغان قۇش ۋە ھايۋانلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى نەبىجاننىڭ رەسىم بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى. ئاشۇ خىل ئاددىي ھەم جانلىق گۈزەللىك تۇيغۇسى ئۇنىڭ دولان دېھقانلار رەسىم ئىجادىيىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىشىدىكى ئەسلىي مەقسىتى بولۇپ قالدى. 2015-يىلى، ئۇ ناھىيەدىكى نۇرغۇن دېھقان رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىشنى سىزىق سىزىش، رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئەگىشىپ ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىپ، دولقۇنلاپ تۇرغان بۇغداي دولقۇنى، خۇش پۇراق مېۋە-چېۋىلەر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشال ناخشا ئېيتىۋاتقان مەنزىرىسىنى رەسىمدىكى كۆرۈنۈشلەرگە سىڭدۈردى.

   نەبىجان ۋارىسلىق قىلىش قەلىمىنى قولىغا ئېلىپ، ئەنئەنىۋىلىك بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇ باشلامچى بولۇپ دېھقانلار رەسىمى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 13 دېھقان رەسسامنى باشلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مەنزىرىسىنى رەسىم قىلىپ سىزىپ، دولان دېھقانلار رەسىمىگە دەۋر پۇرىقى قوشتى. دېھقانلارنىڭ قولىدىن چىققان بۇ رەسىملەرنىڭ بىر پارچىسىنى 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ، دېھقانچىلىق جابدۇقلىرىغا كۆنۈپ قالغان قوللارمۇ سەنئەت ئارقىلىق بېيىش مېۋىسىنى ئۈندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.