
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن ماھىرلار مۇز توپ مۇسابىقىسىدە ۋاراتاغا توپ ئۇرماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «مۇز تېيىلىش مەيدانىدا مۇز تېيىلغاندا، ئۆزۈمنى خۇددى كىچىك قۇشقا ئوخشاش ئەركىن-ئازادە ھېس قىلالايمەن، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن چېغىمدا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا تولىمەن» دېدى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 54-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى پۇ جيارۇي خۇشال ھالدا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، قاردا ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 47-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تارتماقتا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار 100 مېتىرغا تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
شۇ كۈنى، 2026-يىللىق ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قار-مۇز كاتتا بايرىمى پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت مۇز توپ، مۇزدا تېز تېيىلىش، قاردا ئارغامچا تارتىشىش، مۇز ئۈستىدە نۇر ئويناش، قاردا چاق تارتىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، جەمئىي 20 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 545 ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ.
«بىز دەرس سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەيدان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇسابىقە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر قار-مۇز تەنھەرىكىتى زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى بايقايمىز ۋە تەربىيەلەيمىز» دېدى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېنخۇا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا يىغىلدى.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇز توپ مۇسابىقىسىدە توپ تالاشماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






