تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرقانچە ئارقار پامىر ئېگىزلىكىدىكى تىك قىيادا «بەسلەشتى»! تورداش: بۇ، تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچنىڭ سۈرئىتىمۇ قانداق؟

  يېقىندا

ۋىيبو ئىگىسى «بالىلىق چاغلىرىمدىلا ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ئىدىم (余幼时即嗜学

پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى

بەلدىر كۆك كۆلىنىڭ يېنىدا

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى 

بىرنەچچە ئارقار

تىك قىيادا سەكرەپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى

كەينىدىن چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى 

بۇ ۋىيبو ئىگىسى مۇنداق تېمىدا سىن يوللىدى:

«ياۋايى ھايۋانلارنى كۆردۈم، يەنە ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ ناھايىتى تېزلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم...»

سىن يوللانغاندىن كېيىن قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

تورداش: بۇ سۈرئەت تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچنىڭ سۈرئىتىمۇ قانداق؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشى ئارقىلىق

بۇ بىر توپ ئېگىزلىك زېرەكچاقلىرىنىڭ پامىر ئارقارى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ

دۆلەت 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانغا تەۋە ئىكەن

تىك ياردىكى يۈگۈرۈش ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن

ئارقار «ئېغىرلىق كۈچىنى كۆزگە ئىلمايدىغان» ئاجايىپ ماھارەتكە ئىگە

تىك قىيادا خۇددى تۈزلەڭلىكتە يۈگۈرگەندەك يۈگۈرەلەيدۇ

پامىر ئارقارى.

جۇ باۋخۇا فوتوسى

پامىردىكى جانلىقلار

سىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ

بۇ يەردە قارلىق تاغ، كۆللەرنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسى بار بولۇپلا قالماي

تېخىمۇ مۇھىمى ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ماكانىدۇر

كۆكمەت، تاغ ئۆچكىسى، يىلپىز، ئارقار، بۈركۈت

...

دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان نۇرغۇن ھايۋان

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ تۇپراقتا

كۆپىيىدۇ، ياشايدۇ

شۇنداقلا مۇزلۇق، سۇلۇق يەر، ئوتلاق بىلەن بىرلىكتە قىممەتلىك ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن

توپ-توپ قۇشلار پامىر ئېگىزلىكىدىكى دەريادا ئويناشماقتا.

دىڭ مىن فوتوسى

ئۇلار.

تاشقورغان ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تەمىنلىگەن سۈرەت

بۇ، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارتىلغان جىنساۋتەن سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ قار مەنزىرىسى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن شو فوتوسى

بۈگۈنكى كۈندە

ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

پامىر ئېگىزلىكى

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى

بىز ئېگىزلىكتىكى جانلىقلار بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقىمىزدىن خۇشال بولدۇق

شۇڭا ئېسىمىزدە تېخىمۇ چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەككى

ئارىلىق ساقلاش، ئاۋارە قىلماسلىق

ئۇلارغا بولغان ئەڭ ياخشى ھۆرمەت

 ئېگىزلىكتىكى بۇ زېرەكچاقلار بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغاندىن باشقا

سىز يەنە بۇ يەرنىڭ قىشلىق گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز

يېقىندا تاشقورغان ناھىيەسى كۈمۈش لىباس كىيگەن بولۇپ

ئۇزۇنغا سوزۇلغان قارلىق تاغ، كۆپكۆك كۆل سۈيى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئىدى

بۇ، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارتىلغان بەلدىر كۆك كۆلى ھەم ئەتراپتىكى قارلىق تاغ (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

بۇ، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارتىلغان تاشقورغان خارابىسىنىڭ قار مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

​بۇ، 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە تارتىلغان قاردىن كېيىنكى كەنت مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

كېلىڭ! 

 ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ جايدىن

راستتىنلا كەتكۈڭىز كەلمەيدۇ!

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.