تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىدا يېڭى سىياسەت ئەمەلىيلەشتى ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل بازىرى «ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى»نى كۈتۈۋالدى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سەيبوتې خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ يېڭى ئېتىبار بېرىش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش قائىدىسىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئاپتوموبىل بۆلىكى نۇقتىلىق قوللاش ساھەسى قىلىنىپ، بىراك قىلىپ يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاشتىن ئىبارەت قوش ياردەم پۇل بېرىش يولى بىلەن تەمىنلەپ، يېقىلغۇ ماي ئاپتوموبىلى ئىستېمالىنىڭ مۇقىملىقى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىشكە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال توپىنىڭ ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلدى.

   سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرى بىلەن سودىگەرلەر پائال بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، سىياسەت تەلىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپلا قالماي، يېڭى يىل،  باھار بايرىمىلىق ئىستېمال نۇقتىسىغا تېخىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل بىرىكمە ئېتىبارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ ماركىلىق، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق زەنجىرلىك سېتىشنى تېزلىتىش مۇلازىمەت سېپىنى شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇردى.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سەيبوتې خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل تاللاپ سېتىۋالماقتا.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سەيبوتې خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سەيبوتې خەلقئارا ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدە، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ يېڭى ئېتىبار بېرىش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش قائىدىسىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەكتە.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.