1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سەھەر سائەت 8دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭچۈەن كوچىسىدا قار تازىلىماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچىدە قار ياغدى، پۈتۈن شەھەر كۈمۈش لىباس كىيىش بىلەن بىللە، يەنە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. قارنى بۇيرۇق بىلىپ، قار بىلەن تەڭلا ھەرىكەتكە كەلگەن مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بالدۇرلا كوچا ـ كويلارغا ئاتلىنىپ، «ماشىنا بىلەن مەشغۇلات قىلىش + ئادەم كۈچى بىلەن تازىلاش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، قەھرىتان سوغۇقتا يىغىلىپ قالغان قار ـ مۇزلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلاپ، چىڭ تۇرۇش ۋە جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق شەھەر ئۈچۈن بىخەتەر يۈرۈش يولىنى ئاچتى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خوۋچۈەن يولىدا قارلارنى تازىلىماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

1-ئاينىڭ 15-كۈنى، سەھەر سائەت 8دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭچۈەن كوچىسىدىكى قاردا ئاستا يۈرمەكتە. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى
1-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 9دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇەنيۈەن يولىدا ماڭماقتا. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان مۇھىم ھاۋارايى مەخسۇس دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە سوغۇق ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. سوغۇق ئېقىمنىڭ كىرىشى بىلەن قار ياغىدىكەن ۋە بوران چىقىدىكەن، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق قار يېغىپ، 4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 8 بالدىن 9 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. قاردىن كېيىن يول يۈزى مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولىدىغانلىقتىن، شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا چىققاندا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.






