تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئۈرۈمچىدىكى كوچىلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى چوڭ بازارنىڭ كېچىلىك ئىقتىسادى قىشلىق ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلانماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ يېقىلىشى بىلەن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سودا چەمبىرىكى كىشىلەر بىلەن لىق تولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. كاۋاپنىڭ، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ مەززىلىك ھىدى كوچىلارنى قاپلىغانىدى، جاراڭلىق، ياڭراق داپ رىتىمى بىلەن لەرزان مىللىي مۇزىكا ساداسى گىرەلىشىپ ياڭرىغانىدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بازاردىكى يايمىلار ئارىسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بەزىلەر ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان سامسىنى قولىغا ئېلىپ مەززە قىلىۋاتاتتى، بەزىلەر قەدىمىنى توختىتىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئاسما بۇيۇملىرىنى تاللاۋاتاتتى، يەنە بەزىلەر سەھنە ئالدىغا ئولىشىپ، خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ناخشا ـ ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈۋاتاتتى.

تيەنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ لېي قولىدا قۇرۇق مېۋە، ئاسما بۇيۇملار لىق قاچىلانغان قەغەز خالتىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى: «ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى كەچلىك بازارنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغانىدىم، ئايلىنىپ باقسام ھەقىقەتەن داڭقى بىكارغا چىقماپتىكەن. كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەن، يەنە مىللىي ئۆرپ - ئادەتكە تولغان بۇ كىچىك بۇيۇملارنىڭ خاتىرىلەش ئەھمىيىتى تولىمۇ زور ئىكەن، قىش كېچىسىدە بۇنداق ئاۋات جاينىڭ بارلىقىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم شۇنداقلا خۇشال بولدۇم!»

قاينام - تاشقىنلىقنىڭ ئارقىسىغا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كېچىلىك ئىقتىساد ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ سىجىل كۈچ چىقارغانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى دىققەتنى سودا چەمبىرىكىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سودا ساراي، كەچلىك بازار قاتارلىق ئىستېمال ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، يېتەكلەپ، كەسىپ ھالىتى تەمىناتىنى بېيىتىش جەھەتتە يېتەرلىك خىزمەت قىلدى. خەلق ئۆرپ - ئادىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش كوچا رايونى بەرپا قىلىشتىن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ھالىتىنى كىرگۈزۈشكىچە، يەنە كېچىلىك ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، كوچا رايونلىرىنى يورۇتۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكىچە ... بىر قاتار دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەر كېچىلىك ئىستېمال ھالىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، سودا چەمبىرىكىنىڭ كېچىلىك ئىستېمالىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى. شۇنداقلا قىشتىكى شەھەر كېچىسىنى تېخىمۇ ئىللىق ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلدى.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2 ـ قارار جياڭلەيچېڭدە چالغۇ سېتىۋالماقتا.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى سەيلە قىلماقتا.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىن نان سېتىۋالماقتا.

1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا قۇرۇق مېۋە سېتىۋالماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.