□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا
يېقىندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «غەربىي شىمال» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىمى سىجىل قىزغىن قويۇلدى. بۇ فىلىمنىڭ 4 - قىسمى «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى»دا دىققەت غەربىي شىمالدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، بىللە ياشاپ، ئورتاق يۇغۇرۇلغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئېتىزلاردا قول تۇتۇشۇپ تېرىقچىلىق قىلىش، قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق ھەقىقىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى جانلىق نامايان قىلىنغان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى قەلبلەرگە ئورناپ يىلتىز تارتتى.
«بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ 4 - قىسمى <ئانار گۈللىرى ئېچىلدى>نى كۆرگەندىن كېيىن، قەلبىم ھاياجانغا تولدى ھەم تەسىرلەندىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ، چىن قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىيەتتىن كېلىدۇ» دېدى چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا. 2009 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى ۋە مۇھىم بايراملاردا، ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى دۆلەت بايرىقى ھەمىشە دەل ۋاقتىدا چىقىرىلدى، بۇ خىل چىڭ تۇرۇش ئون نەچچە يىل داۋاملاشتى. ھازىرغا قەدەر، سالىقجاننىڭ ھويلىسىدا 1267 مەيدان قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭغا جەمئىي 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم قاتناشتى، 130 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك دۆلەت بايرىقى تارقىتىلدى، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئۇرۇقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
سالىقجان مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە «سالىقجان ھويلىسى» ماركىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قىسقا سىن تارقىتىش، مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بۇ ئىللىق ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراققا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياش - ئۆسمۈرلەر دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قۇرۇپ، بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئىتتىپاقلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن؛ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىچىك ھويلىسى بىرلەشمىسى» بەرپا قىلىپ، بۇ خىل ئىللىقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ كۆپ بۇلۇڭ - پۇچقاقلارغىچە كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.
سالىقجان تۇرۇشلۇق قارا دۆڭ مەھەللىسى خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى قاتارلىق 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان «چوڭ ئائىلە» بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن ئاشىدۇ. بۇ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى باھارگۈل مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھەللىمىز «قوشنىلار بايرىمىدىكى 100 ئائىلىلىك زىياپەت» «ئالتۇن توي، كۈمۈش توي» قاتارلىق مەدەنىيەت ماركىلىرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، «ئاھالىلەر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى» قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، قوشماقلىشىپ يار - يۆلەك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىشلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبداشلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلدى، ئىككى قېتىم «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ» نامىغا ئېرىشتى.
زىمىستان قىشتا، كۈنەس ناھىيەسى ياشانغانلار داشۆسىنىڭ رېپېتىتسىيە ئۆيى ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. كۇرسانتلار «يۇرتۇم» ناملىق كىلاسسىك ناخشىنى رېپېتىتسىيە قىلغاندىن باشقا، يەنە «غەربىي شىمال» ناملىق فىلىمنىڭ 4 - قىسمى «ئانار گۈللىرى ئېچىلدى» توغرىسىدا پاراڭلاشتى. «كوللېكتىپىمىز ئون نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كەسپىي سىنىپلارغا ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك ئارىلىشىش جەريانىدا كۆپچىلىك دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە رېپېتىتسىيە قىلىپ، بىللە ھەمبەھرىلىنىدۇ، كوللېكتىپىمىز خۇددى بىر ئىللىق چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ» دېدى كۈنەس ناھىيەلىك ياشانغانلار داشۆسىنىڭ كۇرسانتى نيۇ بىن ھاياجانلانغان ھالدا.
شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت تۇپراقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشماقتا. ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى يۈز يىللىق سودا كونا كوچىسى، شۇنداقلا بۇ جاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى «ئالتۇن نام كارتىسى». «<غەربىي شىمال> ناملىق فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەزەلدىن ئابستراكت شوئار ئەمەسلىكىنى، بەلكى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش داۋامىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جاۋ بىن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە ۋاڭسەن كوچىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەسلىمىسى سارىيى» قۇرۇپ ھەم بۇ جايدىكى سېنارىستلار كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ، بىر تۈركۈم ھەقىقىي، تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە رەتلەپ، ئۇنى سەھنە تىياتىرى قىلىپ سېنارىيەلەشتۈرۈپ، ئەتراپىمىزدا بارلىققا كەلگەن بۇ ھېكايىلەرنى «جانلاندۇرۇش، تارقىتىش، ياڭرىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز».
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۇن ئوتتۇرا يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ چاڭچۇن شىمالىي يولى مەھەللىسى «ئانار دانىسى بازىسى»دىن تولۇق پايدىلىنىپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما پائالىيىتى» بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلدى. كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئۇسسۇل قەدىمى ئارقىلىق ئىناقلىقنى يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەسىرلىك مېلودىيەسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى. «ھۆججەتلىك فىلىمدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بەرگەنلىكىدەك ئىللىقلىققا تولغان ۋەقەلىكلەر خۇددى مەھەللىمىزدە ھەر كۈنى بارلىققا كېلىۋاتقان ھېكايىلەرگە ئوخشايدۇ.» بۇ مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇي مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.






