تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭلىق قىزچاق ياغاچ پۇتتا ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىدى

   مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

   قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسى ئوپال بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئايىشە ئابدۇۋەلى مەكتەپتىكى ياڭگىر ئۇسسۇلى «كىچىك چولپىنى»، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە دادىسىدىن ياغاچ پۇت ئويۇنى ماھارىتىنى ئۆگەندى ھەم ياڭگىر ئۇسسۇلى بىلەن يۇغۇرۇپ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مەردانە قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

   ياڭگىر ئۇسسۇلى ئۆگىنىشنى باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئايىشە ئابدۇۋەلى مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلىيەلمىدى، دۇمباق رىتىمى قالايمىقان، ھەرىكىتى قولاشمايتتى، گۇاڭدۇڭدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا كالتەكنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى كۆپچىلىككە ياڭگىر ئۇسسۇلىدىكى قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى ... ياڭگىر ئۇسسۇلى مەدەنىيىتى ۋە ماھارىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىشىگە ئەگىشىپ، ئايىشە بارا-بارا بۇ ھەقتىكى تۇيغۇلىرىنى تاپقاندەك بولدى. ياڭگىر ئۇسسۇلى قوشۇنىدا، ئۇ كالتەكنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، جاسارىتى تولۇپ تاشتى.

   مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دادىسىنىڭ كىچىك شاگىرتى بولۇپ، دارۋازلىق، ياغاچ پۇت ئويۇنى قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەندى. ئايىشە قايتا-قايتا يىقىلدى، قايتا-قايتا ئورنىدىن تۇرۇپ داۋاملىق مەشىق قىلدى، ماڭغانسېرى مەزمۇت دەسسەيدىغان بولدى.

   بۈگۈنكى كۈندە، ئايىشە ھەم ياغاچ پۇت ئويۇنىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ھەم ياڭگىر ئۇسسۇلىدىكى مەردانىلىقنى ئىپادىلەپ، ئىككى خىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھۈنىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا-كەنتلەردە ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ئۆزگىچە سالاپەتنى نامايان قىلدى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن مىرئادىلجان مەمەتتۇرسۇن، نۇرئەلىجان تۇرغۇن، جيا جيەنجۈن

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.