تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مانا بۇ لوپنۇر!

   بۇ ئۆمرىڭىزدە چوقۇم ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېڭىپ باقمىسىڭىز بولمايدىغان ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا بارىدىغان مۇساپە ئەسلىدىكى يەتتە سائەتتىن تەخمىنەن 3.5 سائەتكە قىسقاردى. 

   كورلىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بىر سائەتكە قالماي لوپنۇرغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە بىپايان قۇملۇق، مەنزىرىسى گۈزەل سۇلۇق يەر بار؛ 1000 يىللىق تارىخ ھەم جانلىق بولغان ھازىرقى دەۋر بار.

   1-ئاينىڭ 13-كۈنى، «تالو مىجىڭ، تۇر بايلىقى مول لوپنۇرلوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى» ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقايلى!

1-بېكەت

«سەددىچىن سېپىلى»دىن باشلاپ لوپنۇرنى چۈشىنىش 

يىپەك يولى. سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى

   بۇ تۇپراقنى چوڭقۇر ئايلىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى مۇزېيدا بىرئاز توختايلى.

   يىپەك يولى. سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش لايىھە ئۇسلۇبى كۆنچى دەرياسى تۇرى توپىدىن كەلگەن، ھازىر مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 600 (گۇرۇپپا)دىن ئاشىدۇ. كۆرگەزمە زالىغا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كۆرگەزمە تاختىسىدىن باشقا يەنە زامانىۋىلاشقان، رەقەملەشكەن مەنزىرىلەر تولۇق سىڭدۈرۈلگەن.

   بۇ يەردە سىز سەددىچىن سېپىلىنىڭ يىپەك يولىدىكى قوغداش رولىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلىپ، «چېگرا ئەسلىمىسى»نىڭ سالمىقىنى ھېس قىلالايسىز.

   ئادرېسى: يىپەك يولى. سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى

   ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

2-بېكەت

بىر كەنتنىڭ كۈرەش تارىخىنى كۆرۈش

قىزىل داشى مەنزىرە رايونى

   يىپەك يولى. سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىدىن چىقىپ، غەربكە ئىككى كىلومېتىر ماڭسىڭىز داشى كەنتىگە بارىسىز. قىزىل تەربىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە نۇرغۇن قىزىل ئىزنالار ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەر ساقلىنىپ قالغان.

   سىز كەنت تارىخى سارىيىنى ئايلىنىپ، كەنتتىكى كۈرەش ھېكايىلىرىنى چۈشىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. كەنتتە يەنە بىر خەلق ئۆرپ-ئادەت كوچىسى بار بولۇپ، يەيدىغان، ئوينايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار، خۇددى ئاۋات كىچىك بازارغا ئوخشايدۇ.

   بۇ يەردە ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەپ، مەدەنىيەت بىلەن يۇرتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ھېس قىلىپ، سەپىرىڭىزدە چوڭقۇر ئەسلىمە قالدۇرۇڭ.

   ئادرېسى: قىزىل داشى مەنزىرە رايونى

   ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

3-بېكەت

كونا كىنوخانىدىكى كونا ۋاقىتلار

لوپنۇر ناھىيەسىدىكى كونا كىنوخانا

   لوپنۇر ناھىيە بازىرىدىكى كونا كىنوخانا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەيدىغان كىچىك جاي.

   بۇ كىنوخانىغا كىرسىڭىز ۋاقىت ئاستىلاپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. ھاۋاغا كونا تەشۋىقات ئېلانى ۋە ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ پۇرىقى سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سىزنى نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

  كىنوخانا تارىخىي قىياپىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىچىدىكى كىنو كۆرۈش رايونىغا زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونىغا لوپنۇرنىڭ كونا سۈرەتلىرى، كونا بۇيۇملىرى قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، شەھەر ئەسلىمىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان.

   ئادرېسى: لوپنۇر ناھىيەسى خېپىڭ شەرقىي يولى

   ئىشىك بېلىتى: 2.6 يۈەن \ ئادەم

4-بېكەت

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن لوپنۇرنى چۈشىنىش

لوپنۇر مۇزېيى

   لوپنۇر مۇزېيى لوپنۇرنى چوڭقۇر چۈشىنىشتە چوقۇم داكا قىلىدىغان جاي، بۇ يەردە 3000دىن ئارتۇق «كونا بۇيۇم» ساقلانغان بولۇپ، لوپنۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك.

   ئۇلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى كۆرسەك، نەزەر دائىرىمىزدە بىر قەۋەت تارىخىي ئاساس كۆپىيىدۇ.

   ئادرېسى: لوپنۇر مۇزېيى

   ئىشىك بېلىتى: ھەقسىز

5-بېكەت

كوزىر مەنزىرە نۇقتىسى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوينىغىلى بولىدۇ

لوپنۇرلۇقلار كەنتى

   ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، ئەڭ چوڭ يېشىل كارىدور ۋە يىپەك يولى لوپنۇرلۇقلار كەنتىدە كېسىشىپ، ئالتۇن سۈپەتلىك تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

   يولغا چىقىشقا ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، كەنتتە بەخىرامان ئايلىنىڭ. ياشانغانلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى كۆرۈپ، خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ياغاچ ئۆيدە ئارام ئېلىڭ. چوقۇم يۇلغۇن شېخىغا ئۆتكۈزۈلگەن بېلىق كاۋىپىنى تېتىپ بېقىڭ، ئۇ باشقا جايلاردا يوق.

   قىش پەسلىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ «مۇزلۇق مەنزىرىسى»دىن ھۇزۇرلانغىلى، قۇملۇق تۆگىسى مىنىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. قىشتا توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، شاخلىرى تۆمۈردەك مەزمۇت بولۇپ، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

   ئادرېسى: لوپنۇرلۇقلار كەنتى

   ئىشىك بېلىتى: 50 يۈەن \ ئادەم

6-بېكەت

سۇلۇق يەر بىلەن قۇملۇقتىن ھاسىل بولغان سىمفونىيە

لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

  لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدە لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بار.

   ھاۋا ئىسسىغاندا سۇ دولقۇنى، قومۇش، قۇملۇق گىرەلىشىپ، مەنزىرىسى ناھايىتى ئۆزگىچە تۈسكە كىرىدۇ. جىمجىتلىقنى ۋە سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلارغا ماس كېلىدۇ، سۇ قۇشلىرىنى كۆرۈپ، كەڭ دالىدا كۈن پېتىشنى تاماشا قىلالايسىز.

   ئادرېسى: لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى

   ئىشىك بېلىتى: 35 يۈەن \ ئادەم

7-بېكەت

تۇپراق «يېرىلىپ» ھاسىل بولغان ئاجايىپ مەنزىرە

لوپنۇر چوڭ جىلغىسى

   گېئولوگىيەلىك ئاجايىپ مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنالايسىز، لوپنۇر چوڭ جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

   جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە 10دىن ئارتۇق يان جىلغا تارقالغان، چوڭراق جىلغىدىن يەتتىسى بار، ئۇنىڭ ئىچى قاراڭغۇ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، خۇددى يەر ئاستى ئوردىغا ئوخشايدۇ، پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارلىرى چوقۇم بېرىشقا تېگىشلىك جاي.

   ئادرېسى: لوپنۇر چوڭ جىلغىسى

   ئىشىك بېلىتى: 20 يۈەن \ ئادەم

8-بېكەت

پەسىل چەكلىمىسى بار، قۇملۇقتىكى دېڭىز

تاتا مىجىڭ-لوپنۇر كۆلى مەنزىرە رايونى

   داۋاملىق ئىچكىرىلەپ كىرسەك، تاتا مىجىڭ-لوپنۇر كۆلى مەنزىرە رايونىغا بارىمىز. (مەنزىرە رايونى 2025-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2026-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە پەسىل خاراكتېرلىك تاقىلىدۇ، كونكرېت ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئەڭ يېڭى خەۋەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ)

   بۇ يەردە كۆپكۆك كۆل، 1000 يىلدىمۇ يىقىلمايدىغان توغراق، ئادەم ئايىغى بېسىلمىغان قاقاسلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان بوستانلىق قاتارلىق ھەر خىل رەڭ بۆلەكلىرى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان.

   مەنزىرە رايونىدىكى «قۇملۇق تۈلكىسى كۆلى»نىڭ شەكلى قۇملۇق تۈلكىسىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان بولۇپ، «بىر مەنزىرە ئىككى خىل كۆرۈنۈش»لۈك كۆل يۈزى ئاجايىپ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۆل سۈيى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، ئاسمان بىلەن قۇم بارخانلىرىنىڭ ئىزناسىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، قىرغاقتىكى توغراقلار بۇ «ئاسمان ئەينىكى»دىكى ئەڭ تەسىرلىك مەنزىرىگە ئايلانغان.

   ئادرېسى: تاتا مىجىڭ-لوپنۇر كۆلى مەنزىرە رايونى

   ئىشىك بېلىتى: 39 يۈەن \ ئادەم

9-بېكەت

«سۇغا تايىنىپ ياشاش»تەك ئەقىل-پاراسەتنى ھېس قىلىش

كۈنچىكاڭ قەبىلىسى مەنزىرە رايونى

  بۇ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئادىمىيەت تارىخى يۇغۇرۇلغان ئۆزگىچە ساياھەت مەنزىلىدۇر، كۈنچىكاڭ قەبىلىسى مەنزىرە رايونى تارىم دەرياسى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كېسىشىش بەلبېغىغا جايلاشقان، ئاز ئۇچرايدىغان «سۇ بىلەن قۇم بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»تەك ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەن، سۇلۇق يەر، قۇملۇق، دەريا يولىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يەر شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  مەنزىرە رايونى مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئەسلىمىلىرىنى قايتا نامايان قىلدى، بۇ ھەم تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى، ھەم قۇملۇق ئېكولوگىيەسى ۋە يىپەك يولى تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش كۆزنىكى.

   ئادرېسى: كۈنچىكاڭ قەبىلىسى مەنزىرە رايونى

   ئىشىك بېلىتى: 28 يۈەن \ ئادەم

10-بېكەت

ئايلىنىپ قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟ مەززىلىك تائاملار مول

  لوپنۇر كاۋىپىنىڭ تەمى چوغدا پىشۇرۇلغان مەززىلىك تەمدىن كەلگەن. كۆپچىلىك دائىم «لوپنۇر قوي گۆشى كاۋىپى دۇنيا بويىچە ئەڭ مەززىلىك» دېيىشىدۇ، بۇ گەپ يالغان ئەمەس.

  ئالدى بىلەن يۇلغۇن كاۋىپىنى كۆرۈپ باقايلى، چوڭ بىر پارچە قوي گۆشىنى يۇلغۇن شېخىغا ئۆتكۈزۈپ ئوتتا پىشۇرغاندا، يۇلغۇن شېخىنىڭ خۇش پۇرىقى گۆشكە سىڭىپ، ناھايىتى مەززىلىك بولىدۇ. يەنە لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى ئۇسۇلدا پىشۇرغان بېلىق كاۋىپى بار، بېلىق گۆشى شۇ جايدىكى ئالاھىدە يېكەن بىلەن باغلانغان بولۇپ، پوستى چۈرۈك، بېلىق گۆشى يۇمشاق ھەم شىرنىلىك.

  تونۇر كاۋىپىدىن سېرىق ماي ئېقىپ تۇرىدۇ، قېرىنغا سېلىپ پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، يەنە ئىككى سامسا كەلتۈرۈڭ، بىر ۋاخ تاماقنى مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز رازىمەنلىك تۇيغۇڭىز تولۇپ تاشىدۇ. لوپنۇر كەندىر چېيىنى تېتىپ بېقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بىر ئىستاكان ئىچسىڭىز كاۋاپ كۆڭلىڭىزگە تەگمەيدۇ.

   ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلاندى، بايىنغولىن ئوبلاستىمۇ مەستانىلەرگە ئېتىبار بېرىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى تەييارلىدى: لوپنۇرلۇقلار كەنتى، لوپنۇر چوڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا بىر بېلەتنى كۆپ كۈن ئىشلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ساياھەتچىلەر كىملىكى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىنىڭ بىرىنچى ئىشىكىنىڭ كىرىش بېلىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولالايدۇ.

   لوپنۇر مانا مۇشۇنداق، بۇ يەردە ئۇزاق تارىخ بار، ھەيۋەتلىك قۇملۇق بار، قاينام-تاشقىنلىق كەيپىيات بار. يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇردى، سىزنىڭ كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى، تېتىپ بېقىشىڭىزنى كۈتىمىز.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.