ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تۇتقان بېلىقلارنى ساندۇققا قاچىلىماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا 2021-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مىڭ مو بولۇپ، ئاساسلىقى كۆپ خىل پەسىلسىز مېۋە-كۆكتات تېرىش، يۇقىرى زىچلىقتىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، مېۋە-كۆكتاتلارنى ئىنچىكە پىششىقلاش، زاۋۇتلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كەسىپلەر باغچىسىدا بىر يىلدا 3000 توننا ھەر خىل مېۋە-كۆكتات، 50 توننا دېڭىز مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار قويۇپ بېرىلگەن راك، قىسقۇچپاقا قۇمچاقلىرىنى كۆزەتمەكتە.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار چوڭ پارنىكتا كۆكتاتلىقنى پەرۋىش قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىم يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتات مايسىلىرىنى كۆزەتمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، كەسىپلەر رايونى 3-قارارغىچە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ يەردە 250 يېڭى تىپتىكى كۈن نۇرى پارنىكى ۋە 12 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە زالى بار ئىكەن، مەھسۇلاتلىرى تور سىرتىدا ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، كۈندىلىك زاكاز مىقدارى 3000دىن 5000 زاكازغىچە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش-سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2024-يىلى، كەسىپلەر باغچىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بۆلىكىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى شياڭخۇ تەجرىبىخانىسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشىغا تايىنىپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن، كۆپ خىل بېلىق تۈرلىرى، لوشى سازلىق راكى، قىسقۇچپاقىلارمۇ بازارغا يۈزلەندۈرۈلگەن.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تۇتۇلغان بېلىقلارنى ساندۇققا قاچىلىماقتا.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقتا.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، بوشلۇقتىن تارتىلغان كەلپىن ناھىيەسى يېشىل چۆل ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






