تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ئۈرۈمچى شەھىرى يىمىن سارىيىدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بېجىرگەندە ساقلاپ تۇرۇپ دەرھال ئالالايدۇ

   دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»كە ئالاقىدار تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بېجىرىشتە «كۆپ تەرەپكە قاتراش، كۆپ قېتىم قاتراش»تەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتىنى تور سىرتىدا «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىكتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالى (يىمىن سارىيى)دا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمىتى مەخسۇس كۆزنىكى ئاچتى. بۇ مەخسۇس كۆزنەك 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سىرتقا قارىتا رەسمىي مۇلازىمەت قىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش، كارتا ياساش، قوزغىتىشتىن ئىبارەت «بىر بېكەت شەكلى»دە دەرھال بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالى (يىمىن سارىيى) ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت مەخسۇس كۆزنىكىدە كەسىپتىن مەسلىھەت سورىماقتا.

سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەمىنلىگەن

   «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش» «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇپ ئېلىش، ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش»تىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ئۆلچەملىك پۇل مۇئامىلە مۇھىتىدا قوبۇل قىلىش زۆرۈر بولغاچقا، شىنجاڭ ئىزچىل «توردا يېتەكلەش + تور سىرتىدا بېجىرىش» شەكلىنى قوللىنىپ كەلگەنىدى، شۇڭا ئىش بېجىرىدىغان ئامما ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا «بىر بېكەت شەكلى»دە بېجىرەلمەيتتى.

   «ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بانكا» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ تور سىرتىدىكى مۇلازىمىتىنى مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق سانلىق مەلۇمات بايلىقى ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ھەمكارلاشقان بانكا بىلەن بىرلىشىپ سىجىل كۈچ چىقاردى. يېقىندا جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى باشلامچى بولۇپ ماكانلىشىپ، كەسپىي بانكا خىزمەتچىلىرى ۋە كارتا ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بويىچە «بىر بېكەت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن پۈتۈن كۈن تەمىنلىدى. سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا ئۇچۇر توپلاش، كارتا ياساش، پۇل مۇئامىلە ئىقتىدارىنى قوزغىتىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق كەسىپلەرنى تاماملاپ، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش، تولۇقلاپ ئالماشتۇرۇشتا «ساقلاپ تۇرۇپ دەرھال ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

    «بۇ قېتىمقى <ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي كاپالەت، بانكا> بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى». ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جوۋ پېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «مەمۇرىي ئىشلار + ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت + پۇل مۇئامىلە»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى مۇلازىمەت بانكىسىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كەسپىدە «ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، كارتا ياساش، پوچتىدىن ئەۋەتىش»نىڭ پۈتۈن جەريانىنى توردا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت APPسى (ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى) قاتارلىق تور يوللىرى ئارقىلىق، ئۆيدىن چىقمايلا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىش، تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش كەسپىنى تاماملىيالايدىكەن.

   كەسپ بېجىرىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جۇڭغار كوچىسى 299-نومۇر يىمىن سارىيى 3-قەۋەت A رايون ZH17-كۆزنەك

   بېجىرىش ۋاقتى: 10:30دىن 18:30غىچە (خىزمەت كۈنى)

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.