تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باشلىنىش يىلىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، باش شۇجى ئۈچ «تېخىمۇ»نى تەكىتلىدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن شاۋلۇڭ

1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

2026 - يىلى «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا تەكىتلىگەن ئۈچ «تېخىمۇ» توغرىسىدىكى تەلەپ ئىنتايىن روشەن بولدى.

(1) «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك»

ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە.

جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر ئىچىدە، «مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ساختا ئىش قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» جەھەتتىكى مەسىلە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 105 مىڭ 8گە يېتىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئاشقان.

سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كاپالەت.

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشتىن، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىشقىچە، يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى تۈگىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقىچە...

دىققەتنى يۇقىرىقى ۋەزىپە - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كونكرېتلاشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، دەل جايىدا بولۇش ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەردە بولسا، سىياسىي نازارەتچىلىكنى شۇ يەرگىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بايقاپ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە نازارەت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

(2) «ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك»

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا مۇھىم بولغىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. 2013 - يىلىلا، خېبېيدا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئىنتايىن جانلىق بىر مىسال كەلتۈردى: «قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم، قەپەسنى چىڭ توقۇش كېرەك، كالا قوتىنىغا مۈشۈكنى سولاپ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدۇ، بوشلۇق بەك چوڭ بولغاچقا، مۈشۈك بىمالال كىرىپ - چىقىپ يۈرەلەيدۇ».

ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزگەن پارتىيەنىڭ تۇنجى مۇھىم ئىچكى نىزامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئىشنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەردىن باشلاپ، قاتتىق قائىدە تۇرغۇزۇپ، قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

ھەم «كالا قوتىنىغا مۈشۈكنى سولاش» ئىللەتلىرىدىن ساقلىنىش، ھەم «قەغەز قەپەسكە يولۋاس سولاش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، ھەم تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىش ئەمما مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەسلىك، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان قىلىش، ھەم تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىجرا قىلىشتا، تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ئادىل ئىجرا قىلىشتا. قانۇن - نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن - نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئىمتىياز بولماسلىق، قانۇن - نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش» «رېشاتكىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش»نى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە توك بار يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان تۈزۈم، قائىدە سىستېمىسى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

(3) «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك»

بۇلتۇر يىل بېشىدىكى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. چىرىكلىك ساقلانما مىقدارى تېخى تازىلانمىدى، كۆپەيمە مىقدارى يەنىلا سىجىل كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر.

«ئىككى يەنىلا»دىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈم رېئال ئەھۋالنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشتىن كەلگەن.

2025 - يىلى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان «موللاق ئاتقان» مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 65كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 12 - ئايدا يەنە «بىر ئايدا توققۇز يولۋاسقا زەربە بېرىلدى.» چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا ئاسان، كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، بەزى چوڭ دېلولار كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىچە چىرىكلىك، يوشۇرۇن چىرىكلىكنىڭ شەكلى ئۆزگەردى، ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ، چىرىكلىك قىلمىشلىرى «قانۇنلۇق تون»غا ئورىنىۋېلىپ، «كۈل رەڭ بەلباغ»دا توختىماي قاتراپ، بايقاش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا خىرىس ئېلىپ كەلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى يەنىلا»دىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى باسقۇچلۇق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈچۈن كونكرېت يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش توغرىسىدا توختىلىپ، «چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇپ، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاپ، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنغىدەك ھېچقانداق جاي قالدۇرماسلىق كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش توغرىسىدا توختىلىپ، «چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛

چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا توختىلىپ، «سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛

...

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولغانسېرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ «تېخىمۇ»دىن ئىبارەت مۇھىم تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتقاندىلا، جەزمەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.