تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرايلى، ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، قانداق قىلغاندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى: بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك»، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملۇقى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىدۇ. ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇقىملاشتۇرغۇچ بولۇشتەك رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتىدىغان ئىجرا قىلىش كۈچى ئارقىلىق تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە».

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇلۇغۋار پىلاندىن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتىكى ئېنىق تەلەپكىچە، يەنە بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىگىچە... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، ئايدىڭلاشتۇرغان خىزمەت پىكىر يولى، ۋەزىپە، سىياسەتنىڭ ھەممىسى تولۇق دەلىللەش، قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بېكىتىلگەن ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بىر مەقسەتتە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرساق، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەك، بىز بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان تېخىمۇ زور تۈرتكىلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

«سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈش، دائىم غېمىدە بولۇشتەك ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش بولۇپ، ئۆز ئورنىدا ئۆز خىزمىتىنى ئويلاش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىبارەت؛ بۇرچ تۇيغۇسى «تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش»، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادە بولۇپ، كۆڭۈلدە غايە بولۇش، قەلبتە دۆلەت بولۇش، زىممىدە بۇرچ بولۇشتىن ئىبارەت. بىز پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆز مەقسىتىمىز قىلىپ، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى ھاياتىمىز دەپ بىلىپ، بارلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

قەتئىي تۈردە ھەرىكەتتە ياخشى كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇشتا توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئاچقۇچ. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدىن ئېغىپ كەتتىمۇ - كەتمىدىمۇ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتتىمۇ - كەتمىدىمۇ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن يىراقلاپ كەتتىمۇ - كەتمىدىمۇ، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدىمۇ - قالمىدىمۇ؟ پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرساق، ئاندىن پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرالايمىز.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ سىياسىي نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر ۋە ئەمەلىي ئىشلەپ، كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەندە، چوقۇم پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە يول ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىشى كېرەك.» بۇ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەسىلەن، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش»نى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. بەزى جايلار ئېقىمغا قارىغۇلارچە ئەگەشتى، باشقىلارنىڭ ئۆزەك ئىشلىگىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئىشلىدى؛ باشقىلارنىڭ «يېڭى ئۈچ خىل» كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىمىدى؛ ھەتتا ئەمەلىيىتىگە قارىماي ئەنئەنىۋى كەسىپنى «تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپ» «ۋاقتى ئۆتكەن كەسىپ» دەپ بىلىپ ئاددىيلا چېكىنىپ چىقتى. بۇلار بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان ھامان، ئاسانلا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، قېيىپ كېتىدۇ، مەقسەت توغرا بولسىمۇ، ئىجرا قىلىش توغرا بولمىغانلىقتىن ئەكس ئۈنۈم پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

يەنە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولغان بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللاردىن 4218ى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىندى، لېكىن كارخانىلار رىقابىتى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، يەرلىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە، يەنىلا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلار مەۋجۇت. ئومۇمىيەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار بۆلۈنۈشىنى قەتئىي تۈگەتكەندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تۈردە كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش زىددىيەتلىك ئەمەس. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئومۇملۇق، يۆنىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. مەۋقەنى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي تۇتقاندىلا، ئاندىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ھەرقانداق خىزمەتتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىش كېرەك، باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆلۈك ھالدا پايدىلىنىش، يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋاقىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسى، سىياسەت ئەسلىي مەقسىتىگە ماس كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

چوڭ قەدەم بىلەن «15 - بەش يىل»غا ئاتلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەربىر «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارنى بويسۇندۇرساق، بىز چوقۇم غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.