سەنجيۇدا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى، ئىشىنەمسىز؟
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى، شۇ كۈنى سائەت 15تە، تېمپېراتۇرا 4.1 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، چىڭقى چۈشتىكى قۇياش نۇرى ئىللىق بولۇپ، كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى سەنجيۇدىكى قەھرىتان سوغۇقنى ئۇنتۇپ قالدى. گەرچە قۇياش پاتقاندا، تېمپېراتۇرا يەنىلا نۆلدىن تۆۋەن 7 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشسىمۇ، ئەمما چۈشكە ئوخشاش بۇنداق ياخشى ھاۋا رايى يەنە ئەتىسىگىچە داۋاملاشتى.
مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنىلا 4 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 6 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان. ئەمما ئارقىدىنلا ئىزچىل تۆۋەنلەپ، 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىگىچە داۋاملىشىدىكەن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 16.2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا يېقىنلىشىپ، بۇ يىل قىشتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






