1-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى»دىكى ھاڭگىيا بازىرى «بەيچېڭ پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى»نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ناھىيەلىك خەلق مەيدانىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 20 ۋەكىللەر كوماندىسى توپلانغان بولۇپ، ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتا 57 مەيدان كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا يۈخېگۇداۋ كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن يوۋيىجىگۇاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. مۇسابىقە مەيدانى سىرتىدا، لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.












(ئاپتور: مەمەتئېلى ئەنۋەر، مەتسەيدى مەمتىمىن، ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)






