1-ئاينىڭ 11-كۈنى
2025-2026-يىللىق مۇسابىقە پەسلى CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە
شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى
تۆت چارەك مەيدان كۈچ سىنىشىش ئارقىلىق
شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى پۈتۈن مەيداندىكى كۈچلۈك ئىپادىسى بىلەن
ئەڭ ئاخىرىدا 99:60 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى
بۇ مەيدان مۇسابىقە بېجېدېۋ گوران
شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرېنېرلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىنكى
تۇنجى مەيدان رەسمىي مۇسابىقە
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تېزلا مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 49:29 نەتىجىلىك چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزالىرى كۈچلۈك ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ، 3-چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا نومۇر پەرقىنى 40 نومۇرغا يېقىنلاشتۇردى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا رەقىبىگە قىلچە پۇرسەت قالدۇرماي غەلىبە قىلدى.
مۇسابىقە تەرتىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا جېجياڭ گۇاڭشيا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرېنېرى گوران (ئوتتۇرىدا) مەيدان يېنىدا توپچىلارنىڭ تاكتىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى توپچىسى ناتور توپنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئەسىنى بۆسۈپ ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ياڭ رۇي (ئوتتۇرىدا) كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن گارغا توپ ئاتماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى توپچىسى شىرزات (ئوڭدا) قارشى تەرەپ توپچىسىنى مۇداپىئە قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

1-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى توپچىسى ئىلفىرات (ئوتتۇرىدا) يىراقتىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئاتماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






