□ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
تاڭ نۇرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يۇلغۇنلۇقنى سىيپاپ ئۆتتى، بۇلۇت ۋە تۇمانلار مۇز كىرىستاللىرى چاقناپ تۇرغان تىيانشان قارلىق چوققىلىرىنى ئوراپ تۇراتتى، ناخشا - ئۇسسۇللاردىكى شادلىق قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە سىڭمەكتە ئىدى... بۇ «غەربىي شىمال» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشىدىكى شىنجاڭ، ھەربىر سۇڭ تۇپراققا مەدەنىيلىك ئىزنالىرى يېزىلىۋاتقان بولۇپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى لەرزىگە سالماقتا ئىدى.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن ئون قىسىملىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم «غەربىي شىمال» CCTV4، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سىن سۇپىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىدا ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بۇ فىلىمدە دىققەت يېڭى دەۋردىكى غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ۋە رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەينىڭ ئېچىش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يارقىن نۇقتىلار كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىنغان، فىلىمدە شىنجاڭ يارقىن باش پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مەدەنىيەت خارابىلىكىدىكى خارابىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى دۇكانلىرىدىكى ھۈنەر - سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىشقىچە، كۆپ مىللەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ قوغدىشىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا پورەكلەپ ئېچىلىشىغىچە، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان بىر مەنزىرە جانلىق شەخسلەر ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئاستا - ئاستا نامايان بولدى.
پىژغىرىم ئاپتاپ كۆنچى دەرياسى بويىدىكى چۆل - باياۋان قۇم دۆۋىلىرىنى كۆيدۈرۈۋاتاتتى، يۇلغۇن بىلەن يانتاق مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، ھاياتلىق نۇرىنى چاقنىتىۋاتاتتى. «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش» قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن ھالەتتە جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ، ۋەتەن تۇپرىقىنى كۆزەتمەكتە ئىدى. ئارخېئولوگلار بۇ تۇردىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى تۇر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان، سانى ئەڭ كۆپ بولغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت بىر تۈركۈم خەنزۇچە ھۆججەتلەرنى بايقىدى، مەزمۇنى ھەربىي ئىشلار، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
«كۆنچى دەرياسى بويىدىكى بۇ جايدا جەمئىي يىراقتىن ماسلىشىدىغان 11 تۇر بار بولۇپ، ئۇلار تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىشى، يىپەك يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.» تۇرلار توپى ئارىسىدا كۆپ يىل تۇرغان، لوپنۇر ناھىيەسى كۆنچى دەرياسى تۇرلار توپىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى غوپۇر قۇربان ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوبدان بىلەتتى. جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسىدىن يەر شەكلىنى تەكشۈرۈش، خەرىتە تەتقىق قىلىش، تارىخ ئۆگىنىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى تەھلىل قىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغدىغۇچىسى بولۇشقىچە بۇ تۇرلارنى ئادەم ئامىلىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچراتماي ياخشى قوغداش، تەبىئىي ئامىللارنىڭ زىيىنىدىن ئىمكانقەدەر ساقلاش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.
«غەربىي شىمال» فىلىمىدە چىققانلىقىدىن ئۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى: «بۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، سىرتقى دۇنيادىكىلەر شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە موللۇق دەرىجىسىنى تونۇدى، شۇنداقلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئاددىي ئەمما مۇھىم خىزمىتىنى چۈشەندى».
كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدە، چىرا ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى كۆز يەتكۈسىز ئېگىز تاغ يايلىقىدا ئولتۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ناخشا ئېيتىپ، راۋاپ چېلىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان ياغاچ ئۆچكە ئۇسسۇلىنى ئويناۋاتاتتى. شىمالغا يۈزلەنگەندە 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى قابا ناھىيەسىدە ئوخشاشلا دومبىرا چېلىپ ياغاچ ئۆچكە ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان بىر توپ خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى بار بولۇپ، ئۇلار قويۇق تاغ ئورمانلىقىغا خۇشاللىق تۈسى قوشقانىدى.
«تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن كەلگەن ياغاچ ئۆچكە ئۇسسۇلى جۇڭگو خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش، توختىماي ئىلگىرىلەشتەك ئەنئەنىۋى ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئورتاق ۋارىسلىق قىلىشىمىزغا ئېھتىياجلىق.» چىرا ناھىيەسىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى ئادىلجان ھاپىز مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پونكىتىدا كۆپ يىل ئىشلىگەن كەچۈرمىشىمنىڭ خەلق ئىچىدىن نۇرغۇن خام ماتېرىيال توپلىشىمغا ياردىمى بولدى، بۈگۈنكى كۈندە، مەن كۆپلىگەن خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتالايدىغان، ياغاچ ئۆچكە ئۇسسۇلى ئوينىيالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە «ياغاچ ئۆچكە» ياساش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدىم.
يەكەن دەرياسى بويىدىكى كەچكى شەپەق نۇرىدا، دولان مۇقام سەنئەتكارلىرى ئېقىن سۇ ئاۋازىغا جور بولۇپ لەرزان مۇزىكا ياڭرىتىپ، ياڭراق ناخشا ئېيتىپ، جۇشقۇن ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى؛ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تۇتاش كەتكەن تاغلار ئارىسىدا، پېشقەدەم ماناسچى كىچىك ماناسچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى بىرلىكتە ئېيتىۋاتاتتى؛ تىيانشان ئېتىكىدىكى يايلاقتا، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان جاڭغىرنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى دورجى نىمانىڭ مەستانىلىرى ھەرقايسى جايلاردىن كېلىپ ئۇنىڭ نەق مەيداندا ئېيتقان «جاڭغىرغا مەدھىيە»سىنى ئاڭلاۋاتاتتى؛ قەشقەر كوزىچى يار بېشى مەھەللىسىدىكى ساپال بۇيۇملار دۇكىنىدا، ساپال چاقنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازىغا ئۇستازنىڭ شاگىرتلىرىغا بولغان تەلىم - تەربىيەسى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى...
دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا ياساش ئۇسۇلى بويىچە ساپال پىشۇرۇش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى، 73 ياشلىق تۇرسۇن رۇستەم قاداق باسقان قوللىرى بىلەن شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن ساپال لوڭقىنى سىيلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن «ھۈنەرۋەن روھى»نى قەلبىگە پۈككەندىلا ئاندىن بولىدىغان ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك چىقىپ تۇراتتى. «12 يېشىمدىن باشلاپ ساپال ياساشقا كىرىشتىم، قانچىلىك ساپال بۇيۇم ياسىغانلىقىمنى ساناپ بولالمايمەن، پەقەت كومزەك، چۆگۈن، تەخسە، قاچا، لوڭقا، ئىدىش، داس، چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ياسىيالايدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن، 70 نەچچە خىل شەكىلدە تەكرارلىماي ياسىيالايمەن».
ئۇستازىنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش روھى شاگىرتى زۇلپىقار ئابابەكرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ ساپال بۇيۇملارنى ياساشنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى تەرتىپى − راسلانما ياساش، نەقىش ئويۇش، ئاپتاپقا سېلىش، سىرلاش، پىشۇرۇشقا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى تەشمە نەقىش ئويۇش ماھارىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا سەرپ قىلدى. «مەن لايىھەلىگەن كەترەن گۈلى، نېلۇپەر گۈلى، رەڭدار كارپ بېلىقى، شياڭيۈن، جۇڭگو تۈگۈنچىسىنىڭ تەشمە نەقىش نۇسخىسى ۋە ماھارىتىم ھازىر پىشىپ يېتىلدى، ئۇستازىم ئىزچىل يېنىمدا ماڭا ھەيدەكچىلىك قىلدى، يېتەكچىلىك كەلدى» دېدى زۇلپىقار.
ھەر قېتىم يايلاقتا «جاڭغىر»نى ئېيتقاندا، نىما دائىم بوۋىسى جا . جۇنا ئۆزىگە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيدۇ. «ۋارىسلىق قىلغۇچى» ئۇنىڭ قەلبىدە بىر نام بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ بۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دورجى چۆچەككە قايتىپ سەنئەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، ئۆمەك تەشكىللەپ مىللىي ئېپوس «جاڭغىر»نى ئىجادىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئۇ شۇ جايدىكى مول مىللىي چالغۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن 30 نەچچە ناخشا ئىجاد قىلىپ، ئەنئەنىۋى «جاڭغىر»نى پۇقرالار ياقتۇرىدىغان مودا مۇزىكىغا ئايلاندۇردى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئومۇملاشتۇردى ۋە تارقاتتى.
«شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت بىللە ياشايدىغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلغان بۇ تۇپراق بولمىسا، بۇ ناخشىلار بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى، <غەربىي شىمال> ناملىق فىلىمگە چىققانلىقىم تولىمۇ تەلىيىمنىڭ كەلگەنلىكى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت گۈزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ، <جاڭغىر>نىڭ جەلپكارلىقىنى تونۇتىمەن» دېدى دورجى.
«غەربىي شىمال» فىلىمىدە، مەدەنىيلىكنىڭ جۇلالىنىشى ۋە ھۈنەرنىڭ ساقلىنىشى خاتىرىلىنىپلا قالماي، ھەرقايسى مىللەتلەر قېرىنداشتەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئىللىق دەقىقىلەر خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا بۇ بىپايان تۇپراققا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت تومۇرى داستانى يەنىلا يىللار داۋامىدا داۋاملىق ئېيتىلىدۇ.






