تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار دانىلىرى يىراقتىكى خۇنەندە ئۇچرىشىپ دوستلۇق مېھرى قويۇقلاشتى

توقسۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇدا ئۈچ يىل چېنجوۋغا بېرىپ بالىلار باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى

□ئىختىيارىي مۇخبىر مەرزىيەگۈل ئابلەت

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ، 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يەنە بىر قېتىم خۇنەن چېنجوۋ سەپىرىگە ئاتلىنىپ، ئىككى جاي ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان بالىلار باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى ئالماشتۇرۇش ئېسىل داستانىنى داۋاملىق پۈتتى. «بىللە ئۆگىنىش، بىللە تەتقىق قىلىش، بىللە ئورۇنداش» باش تېمىسىدىكى بۇ قېتىمقى بالىلار سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى رايون ھالقىغان بىر مەيدان جەم بولۇش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خۇنەن - شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مائارىپ، مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

دەرسخانىدىكى پىكىرلىشىش قەلبلەرنى ئەڭ ھاياجانغا سالدى. چېنجوۋغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنىلا، توقسۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار چېنجوۋ شەھەرلىك 3 - تولۇق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ئەسلىي ئۇسلۇب، ئەسلىي ھالەتتىكى شىنجاڭ ئۇسسۇلىنى ئورۇنلاپ قالتىس نامايان بولدى. ئارقىدىن ئۇلار چېنجوۋلۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس ئاڭلىدى، ئىككى جايدىكى ئۆسمۈرلەر بىرلىكتە كىتاب ئوقۇدى، يېڭى بىلىملەر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. مەكتەپلەر ئارا قوشماقلىشىشتىن ئىبارەت چوڭقۇر دوستلۇق تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلدى − مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىلىرىنى ھەمبەھرىلەش ئىككى جايدىكى مەكتەپلەر ئارا ئەڭ ئىللىق رىشتىگە ئايلاندى.

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش بۇ مەيدان ئالماشتۇرۇشقا قويۇق روھى ئاساسىي رەڭ قوشتى. 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە، توقسۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جۇڭگو يادرو سانائىتىدىكى بىرىنچى تۆھپىكار كان» 711 - كان، رۇچېڭدىكى «يېرىم يوتقان ئىللىقلىقى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىخانا قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بالىلار چۆكۈش شەكلىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش داۋامىدا ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ئۆسۈپ يېتىلىشتە ئوزۇقلىنىدىغان مەنىۋى ئوزۇقلۇققا ئايلاندۇردى.

ئەڭ تەسىرلىك يۇغۇرۇلۇش كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىياتقا مۇجەسسەملەندى. تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، توقسۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار چېنجوۋ 19 - ئوتتۇرا مەكتىپى، 3 - تولۇق تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، بىرلىكتە قەلب سۆزلىرىنى دېيىشتى، ئەتىگەندىن كەچكىچە بىللە بولۇش جەريانىدىكى كىچىك ئىشلار داۋامىدا سەمىمىي دوستلۇق مېھرى ئىنچىكە ھالقىلاردا ئاستا - ئاستا ئۆسۈپ يېتىلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى» بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىللىقلىققا ئايلاندى.

پائالىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى چېنجوۋ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەھنىسىدە قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى. 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، چېنجوۋ - توقسۇن ئىككى جايدىكى ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇشۇپ بالىلار باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى نومۇرى «ئانارگۈلى ئېچىلىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش»نى ئورۇنلىدى، جۇشقۇن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى، ياخشى ماسلىشىش، سەمىمىي تەبەسسۇم «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» مەنىسىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا كونكرېت نامايان قىلدى. «بۇ مېنىڭ 3 - قېتىم چېنجوۋغا كېلىپ بالىلار باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىشىم، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم! بۇ جايدا مەن يەنە نۇرغۇن ياخشى دوست بىلەن تونۇشتۇم، مەنمۇ ئۇلارنى يۇرتۇمغا بېرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم، دوستلۇقىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى توقسۇن ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەرزانە پەرھات.

«مەكتەپلەر ئارا قوشماقلىشىشنىڭ دەسلەپكى رىشتىسىدىن ھېسسىيات يۇغۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئورتاق ساداغا يۈزلىنىشىگىچە، چېنجوۋ - توقسۇن ئىككى جاي بالىلار باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنى ھېسسىيات رىشتىسى قىلىپ، ئالماشتۇرۇشنى <بىر مەزگىللىك پائالىيەت>تىن <دائىملىق چىڭ تۇرۇش>قا ئايلاندۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. كەلگۈسىدە بۇ دوستلۇق يەنە داۋاملىق يەتكۈزۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە ئۈزلۈكسىز ياشلىق كۈچى قوشىدۇ» دېدى توقسۇن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، چېنجوۋ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى مائارىپ گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ بو.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.