شىنجاڭدىن بىر كىشى سايلاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىنچ - ئامان جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرىدىغان كۈچلەرنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، 6 - قېتىملىق جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتكە «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نى ئېلان قىلدى.
جاڭ لېي، ليەن جيې، رېن فېي، جىن لياڭ، فېڭ جىڭ، سۇڭ ليۇفېڭ، سۈي خۇي، ۋېڭ خۇڭخۇا، سۇڭ چىڭگاڭ، ۋەن سۇڭ، لياۋ تيەنخۇڭ، يەن مىڭ، تەن جيەنخۇا، جاۋ ياڭ، دەنجى داۋجيې، چېن شاۋجۈن، جۈمە ئابلىز، لىن فاڭدې، پېڭ زېدۇڭ، يى گۇيپىڭ قاتارلىق 20 يولداش شەرەپ بىلەن تىزىملىككە كىردى. ئۇلار پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامدا قاتتىق بولدى، بەزىلىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، جەسۇرانە بولدى، قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى؛ بەزىلىرى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، رەقەملىك تېخنىكا ۋە ئاقىل تېخنىكا ئارقىلىق ساقچى ئىشلىرى ئەمەلىي جېڭىگە قۇۋۋەت قوشتى؛ بەزىلىرى ئەخلاق بىلەن قانۇننى ھەمراھ قىلىپ، ھەممە ئائىلىگە رىشتە باغلاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى چىن قەلبىدىن قوغدىدى؛ بەزىلىرى چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى؛ بەزىلىرى كوچا - مەھەللىلەردىكى پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلدى... ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «خەلق گۇڭئەنى خەلقنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياخشى ئوبرازىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
كەڭ گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئالتۇن قالقان ئىسسىق قېنىمىز بىلەن تاۋلانغان، «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى»نى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئىرادىدىن قايتمايدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2025 - يىللىق «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلانغان جۈمە ئابلىز بۈگۈر ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تارلاق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ جياۋداۋيۈەنى، بىرىنچى دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى ئىكەن.






