تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«سانائەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش» جەھەتتە ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭنى زىيارەت

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى پىلانلىنىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈلۈپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەندى. قانداق قىلغاندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تىرىشىپ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سانائەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش» جەھەتتە ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ،

ئەمەلىي ئىقتىساد ئاساسىنى پۇختىلايمىز

زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ۋە تېخنىكا ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق تىرەك.

جاۋ شىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇزاق مۇددەت جۇغلىنىش، بولۇپمۇ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە سىجىل كۈچەش ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەر سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش نەتىجىلىرى گەۋدىلىك بولدى، «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش، تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش» قەدىمى تېزلىتىلدى، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش تېزلىتىلىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئاساسى كۈچەيتىلىپ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى. 2025 - يىلى نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 67 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇدا بەش يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇنغا ئۆتتى؛ ئون خىل رەڭلىك مېتالنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ پاختا يىپ قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى تېز تەرەققىي قىلدى، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا كۈچ مۇجەسسەملىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە يورۇقلۇق ۋولت توپى دۆلەتنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى قاتارىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش كۈچەيتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى. 2025 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كارخانا تېخنىكا مەركىزىدىن جەمئىي 661ى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىدىن جەمئىي 22سى بېكىتىلىپ، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىن 21ى يېتىشتۈرۈلۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەندى. كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشتە مىقدار بىلەن سۈپەت تەڭ ئاشۇرۇلدى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تېز ئۇرغۇتۇلدى. دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن جەمئىي 61ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن جەمئىي 1113ى يېتىشتۈرۈلدى.

رەقەملىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. 5G ئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي 89 مىڭى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق يېزا - بازارلاردىن يۇقىرى رايونلارنى قاپلىدى؛ ھېسابلاش ئىقتىدارى كۆلىمىدە ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى، قاراماي، سانجى، قومۇل ھېسابلاش ئىقتىدارى توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ھېسابلاش ئىشلىرىدا «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش»تىن ئىبارەت تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2025 - يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2024 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى. ئۈچ چوڭ تۈردىن قارىغاندا، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2024 - يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %5.9، %11، %3.7 ئاشتى.

ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،

يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز

«15 - بەش يىل»دىكى يېڭى مۇساپە باشلاندى، كەلگۈسى سەھىپە پۈتۈپ چىقىشنى كۈتمەكتە.

جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل»غا نەزەر سېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

جاۋ شىفېڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە سىجىل كۈچەش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنى شىنجاڭغا يۆتكىلىشكە جەلپ قىلىپ، كەسىپ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئايلىنىدىغان، قان ئىشلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپ تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىلى تەمىناتى جەھەتتە سىجىل كۈچ چىقىرىلىدۇ. «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا <يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك> دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىمىز. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىلىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئوتتۇرا باسقۇچتا سىناق قىلىش سۇپىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى تەشكىللەپ قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشقا تۈرتكە بولىمىز. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، بىيوتېببىي دورا، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر بولۇش، مۇقىم بولۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتا نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى زورايتىپ،

كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز

تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش ئۈچۈن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماس، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ كارخانا چاسا ئەترىتىنى زورايتىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەيدۇ.

جاۋ شىفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملەيمىز ۋە زورايتىمىز. بىر تەرەپتىن ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خاس كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرىمىز؛ بىر تەرەپتىن نۇقتىلىق ساھەلەردە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرىدىكى يېتەكچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كارخانىلارغا بىرلىكتە نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتى ۋە «كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە» مەخسۇس بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ياخشى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىمىز.

ياسىمىچىلىق دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ ئۇلى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەيدۇ.

«بىز <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق> ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقتا رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.» جاۋ شىفېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ يادرولۇق يۇمشاق ماتېرىيال ۋە بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر بازىسى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە ئالغا سىلجىتىمىز. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى سانائەتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە كېڭەيتىپ قوللىنىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشى بويىچە شەھەر سىناق نۇقتىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رەقەملەشكەن سېخ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقتىكى ئۈلگە كارخانىلارنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يېڭى مۇھىتىنى بەرپا قىلىمىز. ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، نۆل كاربونلۇق زاۋۇت ۋە نۆل كاربونلۇق سانائەت باغچە رايونى يېتىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتى چوڭقۇر، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ پەۋقۇلئاددە ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدە زايوم مەدىتى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كارخانىلار ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ ۋە يېتەكلىنىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىنىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.