□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، بىپايان قۇم دېڭىزىدا، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىدىكى SHB5—26X قۇدۇقىدا نېفىت - تەبىئىي گاز سىنىقى مەشغۇلاتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، نەق مەيداندا «مەشئەل ياندۇرۇپ» تەبىئىي گازنى كۆيدۈرۈپ سىناق قىلىش مەنزىرىسى كۆرۈلمىدى، بەلكى ئالدىن ياتقۇزۇلغان يەر ئاستى يىغىش - يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ئارقىلىق سىناق قىلىنىدىغان تەبىئىي گازنىڭ ھەممىسى يىغىپ - يەتكۈزۈلۈپ، سىرتقا قويۇۋېتىلىدىغان تەبىئىي گازنى «ئىسكىلاتقا تولۇق كىرگۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«SHB5—26X قۇدۇقىدا 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇدۇق ئېچىپ سىناق قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئۇدا 15 كۈن سىناق قىلىپ، جەمئىي 450 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يىغىۋالدۇق» دېدى غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 4 - زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ جى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. غەربىي شىمال نېفىتلىكى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغاشنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان قۇدۇقلارغا قارىتا مۇددەتتىن بۇرۇن يەر يۈزى قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، سىناق قىلىنىدىغان تەبىئىي گازنى تولۇق يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
«سىرتقا قويۇۋېتىلىدىغان تەبىئىي گازنى كۆيدۈرگەندە، كۆپ مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىلىپلا قالماي، يەنە گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدى، ھىدروگېن سۇلفات قاتارلىق زىيانلىق گازلار قويۇپ بېرىلىدۇ.» تاڭ جى مۇنداق چۈشەندۈردى: نېفىت - تەبىئىي گازنى سىناق قىلغاندا «مەشئەل ياندۇرۇلسا» ھەم بايلىق ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم ئاتموسفېرا مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
سىناق قىلىنىدىغان سىرتقا قويۇۋېتىلىدىغان تەبىئىي گازنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى قۇدۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، غەربىي شىمال نېفىتلىكى يەر يۈزى يانداش قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى قۇدۇق تېخى لايىھەلەش، پىلانلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا، يەر يۈزى قۇرۇلۇش ئەترىتى ئالدىن قاتنىشىپ، نەق مەيداننى چارلاپ تەكشۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى يىغىش - يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى چېرتيوژىنى سىزىشنى قانات يايدۇردى. قۇدۇق بۇرغىلاش تاماملىنىدىغان ۋاقىتتا، نېفىت - تەبىئىي گازنى يىغىش - يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى قۇدۇق مەيدانىغىچە ياتقۇزۇلۇپ بولدى. «ئىلگىرى قۇدۇقلار بۇرغىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن نېفىت - تەبىئىي گازنى يىغىش - يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورى ياتقۇزۇلسا، سىناق قىلىنىدىغان تەبىئىي گازنى يىغىۋالالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە يېڭى قۇدۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋېتەتتى» دېدى تاڭ جى.
شۇ كۈنى، SHB5—26X قۇدۇقىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى SHB5—28X قۇدۇق نەق مەيدانىدا، قۇدۇق مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى. غەربىي شىمال نېفىتلىكى قۇرۇلۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش خادىملىرى قۇم بارخانلىرىنى تۈزلەپ، ئاسفالت يول بىلەن قۇدۇق مەيدانىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاددىي تاشيول ياساشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى نېفىت قۇرۇلۇش لايىھەلەش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى نېفىت - تەبىئىي گازنى يىغىش - يەتكۈزۈش تۇرۇبا تورىنىڭ يۆنىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇۋاتاتتى. تاڭ جى تېزدىن نەق مەيدانغا بېرىپ، ئىنژېنېرلار بىلەن تۇرۇبا تورى ياتقۇزۇش لايىھەسى، تۇرۇبا ئېغىزىنىڭ ئۆلچىمى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئۇدۇللاشتۇردى.
شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 4 - زاۋۇتىنىڭ ئېچىش - باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇپ، غەربىي شىمال نېفىتلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايون بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، بۇ جايدا ئېچىش قۇرۇلۇشى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. SHB5—28X قۇدۇقىدىن باشقا، يانداش ئىككى قۇدۇقتىمۇ قۇدۇق مەيدانى يولى ياساش قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى، نەق مەيداندا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇيان - بۇيان ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىدەك ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2025 - يىلى شۇنبېي نېفىتلىك - تەبىئىي گازلىقىدا يېڭىدىن 30 قۇدۇق ئېچىلغان بولۇپ، جەمئىي سىناق قىلىنىدىغان تەبىئىي گازدىن تەخمىنەن 48 مىليون كۇب مېتىر يىغىۋېلىنغان. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ نوپۇسنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 0.5 كۇب مېتىر گاز ئىشلىتىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، يىغىۋېلىنغان بۇ تەبىئىي گاز تەخمىنەن 288 مىليون كىشىنىڭ بىر كۈن ئىشلىتىشىگە يېتىدىكەن.






