□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي
«بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى بىزنى ھەرىكەتچان دەرسخانىدا يۇرتىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» 2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق بازىرىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىسى ئايشەم ئابدىرىم ۋە 80 نەچچە كەنت ئاھالىسىدىن تەشكىللەنگەن «تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۆمىكى» كۇچا شەھىرىدە بىر مەيدان ئالاھىدە تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈردى.
بۇ مەيدان «يىپەك يولىدىكى مەدەنىيلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش . يېزا - كەنتلەرنىڭ يېڭى قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىش − كۈسەن مەدەنىيىتى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشۇش» تېمىسىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە يېڭىئېرىق بازارلىق پارتىيە كومىتېتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، 200دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشتە بولۇشقا تەشكىللەشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئاۋات ناھىيەسى يېڭىئېرىق بازىرىنىڭ قۇشقۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە يۇرت تارىخىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».
قىزىل مىڭئۆي باي ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزىسىغا جايلاشقان، ئۇ كۈسەن تاش غارلىرى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قېزىلغان دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، ساقلانغان تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغان بىر تاش غارى توپى بولۇپ، 1961 - يىلى 1 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، 2014 - يىلى «يىپەك يولى: چاڭئەن - تىيانشان كارىدورىنىڭ يول تورى»دىكى بىر مۇھىم يادىكارلىق سۈپىتىدە «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.
«تېز قاراڭلار! ئاۋۇ كوماراجىۋا ئىكەن!» 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قىزىل مىڭئۆيگە كەلدى. كوماراجىۋا جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتلۇق داڭلىق راھىب، بۇددا نومى تەرجىمانى، بۇ راھىبنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى ھاياجانلاندى.
«بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ قېزىلغان ۋاقتى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىنمۇ بالدۇر.» قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تەلئەت ئوبۇل كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۇ بۇددا دىنى سەنئەت خەزىنىسى بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا شەرق - غەرب مەدەنىيلىكى ئۇچراشقان جاي، كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان جاي».
تاش غارغا كىرگەندە، ۋاقىت توختاپ قالغاندەكلا تۇيۇلاتتى. كەنت ئاھالىلىرى كۆرگەچ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. «تام رەسىملىرىگە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ تاش غار تام رەسىملىرىنىڭ نەپىسلىكى ۋە قىممەتلىكلىكىنى بىلدىم» دېدى ئايشەم.
كەچقۇرۇن، كەنت ئاھالىلىرى قىزىلقاغا تۇرىغا كەلدى. بۇ تۇر نۆۋەتتە شىنجاڭ تەۋەسىدە ياسالغان ۋاقتى ئەڭ بۇرۇن، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇر خارابىسى بولۇپ، ھازىرغىچە 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. «ئەسلىدە تۇرمۇ قەدىمكى دەۋردىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەن» دېدى تۈگمەنبېشى كەنتىنىڭ ئاھالىسى قەلبىنۇر ھەسەن تۇرنىڭ تارىخى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردىنلا چۈشىنىپ.
«شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۇرلار خېشىدىكى تۇرلارنىڭ داۋامى بولۇپ، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغىچە سوزۇلغان. ھەربىر تۇرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى. ئۇلار جۇڭگونىڭ كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە گۇۋاھ بولغان، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداش بولۇپ، شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىش، گۈللەندۈرۈش، قوغداش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولغان» دېدى ۋاڭ جىجياڭ.
1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى يادىكارلىقلىرى مۇزېيىغا كەلدى. يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بۇ مۇزېي تارىختا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ مۇھىم دەلىلى ھېسابلىنىدۇ.
پەلەمپەينى بويلاپ، يەر ئاستىغا ئىچكىرىلەپ چۈشكەندە، خۇددى ۋاقىت ۋە بوشلۇق تونېلىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چىراغ نۇرىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان خىش قۇرۇلمىلىق قەبرىلەر، ئەينەك ئاسما يولنىڭ ئاستىدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر قىسىم قەبرە ئىشىكى، كارىدور، قەبرىلەر كەنت ئاھالىلىرىنى خۇددى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. «قېزىش نەق مەيدانىغا كېلىپ قالغاندەك بولدۇم، سەللا ئېھتىيات قىلمىسام ئايىغىم ئاستىدىكى قەبرىلەرنى دەسسەپ سالىدىغاندەك قورقتۇم» دېدى ئايشەم.
«بىز ھازىر كۈسەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شەھەر سېپىلى سىرتىدا تۇرۇۋاتىمىز، كۆرۈۋاتقىنىڭلار 1 - نومۇرلۇق قەبرە.» چۈشەندۈرگۈچى دىلنىگار تالىپنىڭ يېتەكلىشىدە، كەنت ئاھالىلىرى چوڭ ئېكران ئالدىدىكى تاش پەلەمپەيدە ئولتۇردى. چىراغنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئېكران يورۇدى، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى ۋە 1 - نومۇرلۇق قەبرىنى قېزىش جەريانى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. كەنت ئاھالىلىرى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆرۈپ، خۇددى ئاشۇ تارىخنىڭ سىرىنى ئېچىش جەريانىغا ئۆزلىرى بىۋاسىتە قاتناشقاندەك بولدى.
دىلنىگار مۇنداق دېدى: «بۇ خىش قۇرۇلمىلىق قەبرە توپى شىنجاڭ رايونىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان ياسىلىش شەكلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، خېشى رايونىدىكى قەبرىلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان خەن سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى خىشتىن ياسالغان قەبرە بولۇپ، ئۇ جىن سۇلالىسى، 16 بەگلىك دەۋرىدىكى قەدىمكى كۈسەن رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى، كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ بۇ يەردە ئالماشتۇرۇلغانلىقى ۋە يۇغۇرۇلغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى».
ئۇنىڭغا قوشنا بولغان كۈسەن مۇزېيىدا، 700دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەم ھۆججەت - ئەسەرلەردىكى خاتىرە قاتارلىق ئەمەلىي بۇيۇم كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي تومۇرىنى ھەرتەرەپلىمە نامايان قىلىپ تۇراتتى.
كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، كۈسەن ۋۇجۇ، كۈسەن كىمخابى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى AR ،VR رەقەملىك تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۈسەننىڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولۇشتەك شانلىق ئۆتمۈشىنى ھېس قىلدۇردى. «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بۇ يەردە ياڭاق ۋە ئۆرۈك ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن» دېدى قەلبىنۇر سۈرەتكە تارتقاچ ھاياجان بىلەن.
رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت ھالىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن سۇمۇجې جەسەت كۈلى قۇتىسى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى كۆرۈپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. سۇمۇجې جەسەت كۈلى قۇتىسى 1903 - يىلى سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ھازىر ياپونىيە دۇڭجىڭ دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى قۇتىسىنىڭ سىرتىغا مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن 21 كىشىنىڭ ئوبرازى سىزىلغان، بۇ، تىپىك بولغان كۈسەن «سۇمۇجې» مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىنىڭ رەسىمى بولۇپ، كۈسەن رايونىنىڭ داڭلىق ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «چىخەن خۇ تىياتىرى»دۇر.
بۈگۈنكى كۈندە، رەقەملىك تېخنىكا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «ماكان ھالقىپ تورغا چىقاردى»، ئىلگىرىكى كۈسەن مۇزىكىلىق ئۇسسۇلىنىڭ كاتتا مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەردى.
تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنىڭ ئاخىرقى بېكىتىدە، كەنت ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى يۇڭكۇ تۇڭشىن كەنتىگە كەلدى. بۇ يەردە، قەدىمىي مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچكە تولغان شەكىلدە تۇرمۇشقا سىڭگەنىدى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىغا كىرگەندە، كۈسەن كېسەك لاي رەسىملىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى ھەم نەپىس ئىدى. «بۇ ئەسەرلەر توپا ئېلىش، لاي ئېتىش، تەگلىك ياساش، كان قېزىش، سىلىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق تاماملانغان بولۇپ، ئاساسلىقى كۈسەن تام رەسىملىرىدىكى تېمىلارنى نامايان قىلىدۇ.» بۇ كەنتتىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق تونۇشتۇردى: مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بىر گەۋدىلەشكەن يېزا - كەنت تەرەققىيات سۇپىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يەردە 13 سەنئەتكارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدۇق.
كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، كۆرگەزمە زالىغا يەنە شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئون نەچچە پارچە توغراق رەسىمى كۆرگەزمىگە قويۇلغانىدى. «بىز قەرەللىك كۇرس ئېچىپ، دېھقانلارنىمۇ بىر قېتىم <سەنئەتكار> بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى خىزمەتچى خادىم تونۇشتۇرۇپ.
شىنجاڭ شاڭمېي مودا كىيىم - كېچەك سودا چەكلىك شىركىتىگە كىرگەندە، كۈسەن تام رەسىملىرى ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن كارىۋات بۇيۇملىرى، قۇت بۇلۇت نەقىشى، «مىڭ چاقىرىملىق تاغ - دەريالار مەنزىرىسى» قاتارلىق ئامىللار سىڭدۈرۈلگەن كاستۇم - بۇرۇلكا ۋە مەكتەپ فورمىسى كەنت ئاھالىلىرىنى كېلىپ كۆرۈشكە ۋە سوراپ بېقىشقا جەلپ قىلدى. «بۇ مەكتەپ فورمىسى بەك چىرايلىق ئىكەن.» بىر كەنت ئاھالىسى رەڭگى ئوچۇق، چىرايلىق نەقىشلىك مەكتەپ فورمىسىنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق دېدى.
بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇت بۇلۇت نەقىشى بەخت - سائادەت، گۈزەللىك دېگەن مەنىدە، «مىڭ چاقىرىملىق تاغ - دەريالار مەنزىرىسى»دىكى ياپيېشىل رەڭگە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈكسەك جاسارىتى، دۆلەتنى قەلبىگە پۈكۈش ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ئامىللار كىيىم - كېچەك لايىھەسىگە سىڭدۈرۈلۈپ، ياشلارغا ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئاكتىپ، گۈزەل بولغان مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇننى يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئۆزگىچە مەدەنىيەت دەرىسىدە قوڭغۇراق ئاۋازى يوق، لېكىن چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئاۋازى ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇردى. بۇ دەرس مىڭ يىللىق تاش غارلاردىكى رەڭدار تام رەسىملىرىنىڭ يېنىدا ئۆتۈلدى، مۇزېينىڭ رەقەملىك تېخنىكىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا - كەنت ھۈنەرخانىلىرىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇقىنى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر چاچتى.






