تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارزۇسى بار كىشىلەر ئەڭ بەختلىك

رەئىس شى جىنپىڭ 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە كۆپچىلىككە «بىرلىكتە ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بەخت ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۇلۇغۋار ئارزۇنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى» دەپ چاقىرىق قىلدى. بۇ، ھەم كۈرەش قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياڭرىتىلغان ئالقىش، ھەم تىرىشىپ ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلگەن ئىلھام.

ئارزۇسى بار كىشىلەر ئەڭ بەختلىك. ئارزۇنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كۈچنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ خۇددى تىيانشاندىكى تولۇن ئايغا ئوخشاش ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتىدۇ؛ ئۇ يەنە چۆلدىكى تارام - تارام ئېقىنلارغا ئوخشاش بارلىق شەيئىلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاددىي تۇرمۇشىمىزنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىدۇ، دائىملىق كۈرەش ئارقىلىق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ھەيۋەتلىك ئېقىننى مۇجەسسەملەيدۇ. تۇرمۇشىمىز بەزىدە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، رېئاللىقتا قاتمۇقات خىرىسلار بولسىمۇ، پەقەت قەلبىمىزگە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇنى پۈكۈپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا باتۇرلۇق بىلەن تىرىشىپ ئىشلىسەكلا، ھامان ئارزۇغا يېتەلەيمىز.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا، ھەممىلا جاي ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر ئۈچۈن سەھنە، ھەممىلا جايدا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار خۇددى تاغ ئايلانما يولىنى كېسىپ ئۆتكەن بۆكەنگە ئوخشاش ئەگرى - توقاي يولدىن قورقمايدۇ، خۇددى قۇملۇقتىكى قەيسەر توغراققا ئوخشاش چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ، شۇنداقلا تىيانشاندا پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشاش كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ، كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ گۈزەل ھالەت، شۇنداقلا بەختنىڭ ئەڭ گۈزەل كارتىنىسى، بوران ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ؛ قار ھەرقانچە قېلىن بولسىمۇ، چارۋىچىلىق رايونىدا سەييارە كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ؛ يول ھەرقانچە يىراق بولسىمۇ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت قەلبداشلىقنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ...

كىشىلىك ھايات كۈن ئۆتكۈزۈشلا ئەمەس، ئادەمدە ئىنتىلىدىغان ئارزۇمۇ بولۇشى كېرەك. ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بەخت ياراتقانلىق، ئۇ ھاياتنى بېيىتىپ، تۇرمۇشنى نۇرلاندۇرىدۇ. شەخسنىڭ كۈرەش قىلىشى شەخسنىڭ جۇلالىنىشى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەربىر كىشىنىڭ تىرىشىپ ئىنتىلىشىدىن شەكىللەنگەن ئېقىنلار توپلانسا، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دەۋر ئېقىنىغا ئايلىنىپ، پۈتكۈل شىنجاڭنى تېخىمۇ كەڭ كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىدۇ.

باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسىلا، كېيىنكى يول ئېغىزىدا، ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەر مۇقەررەر بەخت بىلەن ئۇچرىشالايدۇ!

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.