تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025 - يىلى شىنجاڭدا 400 مىڭغا يېقىن تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى

خۇسۇسىي كارخانىلار، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ماس قەدەمدە كۆپەيدى، جەمئىيەت كاپىتالى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى جەمئىي 2 مىليون 768 مىڭ 100 (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %8.85 ئاشقان. 2025 - يىلى 1 - ئايدىن 12 - ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 399 مىڭ 500 (بىڭتۇەندىكى 51 مىڭ 500 تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %12.05 ئاشقان.

2025 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتى سىجىل كۈچەيدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئىچىدە، تۈرلۈك كارخانا 110 مىڭ 600گە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %20.49 ئاشتى؛ يەككە سودا - سانائەتچى 286 مىڭ 100 بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %9.22 ئاشتى. يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار ئىچىدە، خۇسۇسىي كارخانىلار ئاساسلىق ئېشىش مىقدارىغا تۆھپە قوشقان بولۇپ، 98 مىڭ 500گە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %21.82 ئېشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا يېڭىدىن 11 مىڭ 800ى ۋە 357سى قۇرۇلۇپ، پائال ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملاشتى.

كەسىپ قاتلىمىدىن قارىغاندا، بازارغا يېڭىدىن كىرگەن كارخانىلار دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ساھەسى، قاتناش - تىرانسپورت ساھەسى ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپى، كانچىلىق ساھەسىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ ئۈچ ساھەنىڭ 2024 - يىلىدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى بىردەك %30تىن ئېشىپ، ھازىرقى مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىززىق نۇقتا يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىقلارنى ئېچىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەشىيا ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قەدەر زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە جايلىشىشى تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان بولۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر بىلەن ئەنئەنىۋى ساھەلەر ماس تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۈرۈش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. كارخانىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئومۇمىي تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، بولۇپمۇ خۇسۇسىي كارخانىلار بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى، بۇ، بازار ھاياتىي كۈچىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى مۇقىم ئاشتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. 2025 - يىلىدىن بۇيان يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى سانىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى گەۋدىلىك بولدى، بۇ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.