تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتىدىكى «يېڭى» ئۈچ يۈزلىنىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

قار - مۇزدىن ئىبارەت سوغۇققا سىمۋول قىلىنىپ كەلگەن بۇ سۆز شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە چوڭقۇر «خىمىيەلىك رېئاكسىيە»نىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولماقتا. 2026 - يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىشلىرى «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى كۈتۈۋالدى، قىسقىغىنا ئۈچ كۈندە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 683 مىڭ 800 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 1 مىليارد 532 مىليون يۈەنگە يەتتى. «بىر مەركەز، ئىككى بەلباغ، كۆپ ئۆمەك»تىن ئىبارەت قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، تەۋەككۈلچىلىك تۈرلىرىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە پۈتۈن رايون مۇلازىمىتى ئارقىلىق قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ «يېڭى» يۈزلىنىشىنى نامايان قىلماقتا.

يەككە تەسىراتتىن سەپ شەكلىدە ھېس قىلىشقىچە

ئىلگىرى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى مەخسۇس بارىدىغان جاي ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۆپ خىللاشقان دالا كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىغا ئايلاندى. «قار - مۇز + تەۋەككۈلچىلىك تەنھەرىكىتى» ئالتاي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى مودا كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا، قىزغىن مەستانىلەرلا ئىنتىلىدىغان كەسپىي قار تېيىلىش يولى بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان ئېگىز بوشلۇقتا ھېس قىلىش تۈرى بار. «ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرغىلى، شۇڭغىما پاراشۇت ئوينىغىلى بولىدىكەن، قارلىق تاغدىن شۇڭغۇپ چۈشۈۋاتقاندا چەكسىز ئورمان، قارلىق دالا ۋە شەھەر مەنزىرىسىگە ئېگىزدىن نەزەر سالغىلى، قار تېيىلماي تۇرۇپمۇ قىشتىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن» دېدى 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ساياھەتچى لى ئەنرەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش تەۋەككۈلچىلىككە ئىنتىلىدىغان ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بوشلۇقتا مەنزىرە تاماشا قىلىش بىر خىل يېڭىچە ھۇزۇر ئېلىش ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا 100دىن ئارتۇق قار تېيىلىش مەيدانى بار، «شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىش» قار تېيىلىش چەمبىرىكىدىكى ئالقىشلىق تاللاشقا ئايلاندى. ھەرقايسى جايلار قار مەيدانلىرىنى چۆرىدەپ «قار تېيىلىش مەيدانى +» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇ خىل مودىنى سىجىل جانلاندۇردى.

2025 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 19 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، قار - مۇز جابدۇقلىرى، قار - مۇز داڭلىق ماركىسى، قار - مۇز ئىستېمالىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك تەسىس قىلىندى، جەمئىي 445 كۆرگەزمە ئورنى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆرگەزمە كۆلىمى ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ. پاڭبادى شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمىگە قاتناشقان مەزگىلدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتىگە 200دىن ئارتۇق قارلىق دالا موتوسىكلىتى ساتتۇق، بۇ مەھسۇلاتلار تەبىئىي قاردا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ بەكرەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، FWT دۇنيا تەبىئىي قار سەييارە مۇسابىقىسى جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، توزغاق قاردىكى كاتتا مەرىكە، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى ماسلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرى «قار» بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە «خەلقئارا تۈس»كە ئىگە قىلىندى.

شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋيۈ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتى <يەككە بولۇش> تەسىراتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىسسىق ھاۋا شارى، شۇڭغىما پاراشۇت، تەبىئىي قار سەييارە مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى قار - مۇزنى ھېس قىلىش سېپىنى تەدرىجىي بەرپا قىلماقتا. مەيلى سىز تەۋەككۈلچىلىككە ئىنتىلىدىغان تەۋەككۈلچى بولۇڭ ياكى ئازادىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئىستىراھەت ساياھەتچىسى بولۇڭ، بۇ يەردە ئۆزىڭىزگە تەۋە خۇشاللىقنى تاپالايسىز».

ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈشتىن ئالدىرىماي ھۇزۇرلىنىشقىچە

2025 - يىلى 12 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى باشلامچىلىق بىلەن نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن قار تەتىلى تەسىس قىلدى. قار - مۇز بايلىقى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلار تۇنجى قار تەتىلىنى باشلىدى، بۇ، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقىپ، قار - مۇزغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ، ئۇنى قار - مۇز «سوغۇق بايلىق»ىنى «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭى كۈچكە ئايلاندۇردى.

يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جۇاڭ خۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قار تەتىلى مەزگىلىدە، ئىستىراھەت رايونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 20 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، «ئىلگىرى پەقەت ھەپتە ئاخىرى ۋە قىشلىق تەتىلدىلا ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىققان بۇنچە كۆپ كىشىنى كۆرگىلى بولاتتى. قار تەتىلىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن تاقاشتۇرماي ئۆتكۈزۈش ھەم ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى، ھەم كۈتۈۋېلىش بېسىمىمىزنى يېنىكلەتتى».

قار تەتىلى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى مۇزېي، گۈزەل سەنئەت سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىقلار سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىپ، ئائىلە سەپىرىدىكى قىزغىن تاللاشقا ئايلاندى. «بالىلارنى مەخسۇس مۇزېيغا ئاپىرىپ شىنجاڭنىڭ قار تېيىلىش تارىخى ۋە قار - مۇز مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنى يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم» دېدى ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ ياۋ.

قار - مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيەنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي ئۇزارتىپ، كەسىپ كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتتى.

ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ قىش پەسلى خۇددى زوق بىلەن ئوقۇيدىغان خەلق ئۆرپ - ئادىتى داستانىغا ئوخشايدۇ. سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ماھارەت تۈرلىرىنى كۆرۈپ، نادام يىغىلىشىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇنداقلا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدىن نەپىس كەشتىلەرنى سېتىۋالالايدۇ. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان «تۇلپارلار قار كېچىش» ئويۇنى ساياھەتچىلەرگە ئات مەدەنىيىتىنىڭ رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. قىشتىكى شىنجاڭدا ئاپئاق قار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار قار - مۇز مەدەنىيىتى بار.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتى «تېيىز قاتلاملىق ئىستېمال»دىن «چوڭقۇر ھېس قىلىش» باسقۇچىغا قەدەم قويدى، «قار - مۇز + مەدەنىيەت»تىن ئىبارەت يۇغۇرۇلۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، تارىخ، سەنئەت ساياھەت لىنىيەلىرىگە سىڭدۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزارتىلىپلا قالماي، يەنە ساياھەت بىر خىل «ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان ئەسلىمە»گە ئايلاندۇرۇلدى.

پۈتۈن رايون، پۈتۈن زەنجىر بويىچە قار - مۇز ساياھىتىگە مۇلازىمەت قىلىش

ھېس قىلىشنى بېيىتىشتىن باشقا، 2025 - يىلى شىنجاڭ يەنە «ئەلا مۇلازىمەت» ۋە «يۇقىرى ئىقتىدار - باھا نىسبىتى» جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچەپ، سىياسەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق، تىرىشىپ «ئېقىم مىقدارى»نى «قالدۇرۇلغان مىقدار»غا ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىشنى خالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، ئىللىق تۇرىدىغان قىلدى.

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 2025 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى ھەم 2 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئارشاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى فۇكاڭ شەھىرىدە باشلاندى. شۇ جاي شىنجاڭ ئارشاڭ كەسىپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇپ، كارخانا ھالقىغان ئىستېمال ئېتىبارلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىتتىپاق ئىچىدىكى خالىغان بىر ئارشاڭ كارخانىسىنىڭ ئىستېمال ئىسپاتى بولسىلا، ساياھەتچىلەرنى باشقا ئەزا ئورۇنلاردا بېلەت، ياتاق باھاسىدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن قىلدى. بۇ خىل قار تېيىلىپ بولۇپ ئارشاڭغا چۈشۈشتەك «مۇز ۋە ئوتنى قوش ھېس قىلىش» نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى، «قار - مۇز + ئارشاڭ» ئەڭ ھۇزۇرلۇق بىرىكمىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ساياھەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە كۆپ قېتىملىق قار - مۇز ساياھىتى مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزىنى يولغا قويۇپ، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى قويۇش رايونىنى مەخسۇس تەسىس قىلدى. «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا جەلپ قىلىش» چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ھەرقايسى جايلارمۇ بەس - بەستە ھەقىقىي پاراۋانلىقنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىش پەسلىدە شىنجاڭغا كېلىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى، ئالتاي ۋىلايىتى كەلگەنلەرنىڭ ئايروپىلان بېلىتىگە قارىتا بەش كۈن ئىچىدە تۆت چوڭ قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىغا ھەقسىز كىرىپ توزغاق قاردا بىر قېتىم بەھۇزۇر تېيىلىش ئېتىبارىنى يولغا قويدى؛ خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىرى ئايرىم - ئايرىم مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى؛ قومۇل شەھىرى شيېچېڭ سۇپىسى ئارقىلىق ياتاق ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى...

«يەككە نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»تىن «پۈتۈن رايون ھەمتۈرتكە بولۇش»قىچە، شىنجاڭ كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك قار - مۇز ئىستېمالى يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، «سوغۇق بايلىق»نىڭ «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.