چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى
بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، شىنجاڭ مەنزىرىلىرى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم فوتوگراف بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچ، ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت، ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك قىممەت يېتەكچى كۈچى، مەدەنىيەت ئۇيۇشۇش كۈچى، مەنىۋى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىدە، چېن شياۋجياڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تېمىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىك بەنزىسى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ساھەسى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىلىم تەتقىق قىلىپ نەزەرىيە يارىتىش، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشتىن ئىبارەت شەرەپلىك بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، شىنجاڭدا پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەننىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، ئىلمىي بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر مۇھىم نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سىياسەت - تەدبىرگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەندە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچى بار، شىنجاڭنى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئەۋزەل پەنلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ساھەسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ مەنزىرىسى فوتو - سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە كېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىگە كېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىك بەنزىسى، ھەرقايسى جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەدەبىيات - سەنئەت روھنى تاۋلايدىغان قۇرۇلۇش. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشتا ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ھېچ نەرسە باسالمايدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى نى - نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، سەنئەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغان، روھلاندۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئېتىقادلىق، مېھىر - مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولغان بىر تۈركۈم يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمىتىنىڭ ھەممىسى ئۇلنى چىڭىتىپ، روھنى تاۋلايدىغان خىزمەت بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ھەردەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سىياسىي رەھبەرلىك ۋە خىزمەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ بارلىققا كېلىۋاتقان، ئىختىساسلىقلار كەينى - كەينىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەردەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خىزمەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى، پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم - پەندە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىپ، دۆلەتكە، مىللەتكە، خەلققە تۆھپە قوشىدىغان سەنئەتكارلار ۋە ئالىملاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر قېيۇم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.






