تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر قاچا يېڭى يىللىق بەنشىر قوشنىلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتنى نامايان قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ يۇڭ

يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ قۇتۇبى بازىرى شىيۈ شاڭچېڭ مەھەللىسىدىكى پائالىيەت ئۆيى ئىللىقلىققا تولغانىدى، بىر مەيدان «قوشنىلار يېقىن ئۆتۈپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» بەنشىر تۈگۈش پائالىيىتى قىزغىن داۋاملىشىۋاتاتتى. ئەمبەلدە، تەڭشەپ تەييارلانغان قىيمىدىن مەززىلىك پۇراق تارىلىپ تۇراتتى، رەتلىك دەستىلەنگەن بەنشىر جىلتىسى ئاپئاق، يۇمشاق ئىدى. قۇتۇبى ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شەھىدە ئىمىنجان قوشنىسى شيې فۇچيۇڭ موماينىڭ يېنىدا تۇرۇپ، شيې موماينىڭ قولىغا تىكىلىپ قاراپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن بەنشىر تۈگدى.

شەھىدەنىڭ دادىسى ئىمىنجان ھېمىت ۋە ئانىسى زەيتۇنگۈل ئابىلمۇ بەنشىر تۈگۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى، زەيتۇنگۈلنىڭ ياغلىقىغا ئازراق ئۇن يۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، شيې فۇچيۇڭ كۈلگىنىچە قولى بىلەن ئاستا قېقىۋەتتى؛ شەھىدە تۈگكەن بەنشىرلەرنىڭ گىرۋىكىنىڭ رەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، شيې فۇچيۇڭ ئۇنىڭغا قول ھەرىكىتىنى تەڭشەشنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

بۇ ئىللىق كۆرۈنۈش، ئۈچ يىل ئىلگىرى مەھەللە قانات يايدۇرغان قوشنىلار بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى باغلىغان رىشتىدىن كەلگەن. ئەينى چاغدا، شەھىدە ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئىمىنجان ئەر - خوتۇن ناھىيە بازىرىدا ئىشلەيتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەن چىقىپ، كەچ قايتىپ كېلەتتى، بالىسىغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز ئىدى، بولۇپمۇ بالىنىڭ دەرسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئۈچۈن چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قوشنىسى شيې فۇچيۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەھىدەنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ مۇنداق دېدى: «بالىنىڭ دەرس ئىشىنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، خاتىرجەم ئىشلەڭلار!»

شۇ كۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، شەھىدەنىڭ كىچىك سومكىسى ھەمىشە دەل ۋاقتىدا شيې فۇچيۇڭنىڭ ئۆيىدىكى كىتاب ئۈستىلىدە پەيدا بولىدىغان بولدى.

«شيې موما»نىڭ بۇ قىزغىنلىقىنى ئىمىنجان بىر ئائىلە كىشىلىرى قەلبىدە ساقلىدى. زەيتۇنگۈل دائىم شيې فۇچيۇڭنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ بەردى، ئىمىنجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن شيې فۇچيۇڭ ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئىشى، جاپالىق ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالدى.

بۇلتۇر قىشتىكى بىر سەھەردە، سوغۇق شامال يۈزگە پىچاقتەك ئۇرۇلاتتى، ئىمىنجان ۋېلىسىپىت مىنىپ سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتتى. زەيتۇنگۈل ھەم ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، ھەم ئاشخانىغا بېرىپ ئىشلەيدىغان، يەنە بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولغاچقا، ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شيې فۇچيۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال زەنجىۋىل، چىلان چېيى قاينىتىپ، زۇكام دورىسى ئېلىپ، ئۆيىگە يوقلاپ كىردى. مېڭىش ئالدىدا يەنە يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇل چىقىرىپ زەيتۇنگۈلگە تۇتقۇزدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، شيې فۇچيۇڭ تەشەببۇسكار ھالدا مەھەللە كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، زەيتۇنگۈلگە ياردەملىشىپ ئولتۇراق رايوندىن تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تېپىپ بەردى. ئىمىنجان دەم ئېلىپ كۈتۈنگەن يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شيې فۇچيۇڭ شەھىدەنى ئۆز نەۋرە قىزىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ھەر كۈنى ئىسسىق تاماقلارنى ئالدىن ئېتىپ، شەھىدە مەكتەپتىن قايتىپ تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، شەھىدەنىڭ كىيىمى بەك نېپىز بولۇپ، ئۆيگە قايتقاندا كىچىككىنە قوللىرى توڭلاپ قىزىرىپ كەتكەنىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، شيې فۇچيۇڭ كېچىلەپ بىر جۈپ ھال رەڭ يۇڭ پەلەي توقۇدى. شەھىدە ئىسسىق پەلەينى كىچىككىنە قوللىرىغا كىيىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، شيې فۇچيۇڭغا مۇنداق دېدى: «شيې موما، پەلەي بەك ئىسسىق ئىكەن، قۇياشتىنمۇ ئىللىق ئىكەن!» بۇ سۆزدىن شيې فۇچيۇڭنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى.

ئىمىنجاننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بىرىنچى ۋاقىتتا شەھىدەنى باشلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ رەھمەت ئېيتتى، يەنە شيې فۇچيۇڭ مەسئۇل بولغان مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئىللىقلىقنى يەتكۈزدى.

«بەنشىر پىشتى!» مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ توۋلىشىغا ئەگىشىپ، پائالىيەت ئۆيى بەنشىرنىڭ خۇش ھىدىغا تولدى. ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بەنشىرنى ئۈستەلگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شيې فۇچيۇڭ چوكا بىلەن بەنشىردىن بىرنى ئېلىپ شەھىدەنىڭ قاچىسىغا سېلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىرىماي يەڭ، ئاغزىڭىزنى كۆيدۈرۈۋالماڭ!» شەھىدەمۇ بەنشىردىن بىرنى ئېلىپ، شيې فۇچيۇڭنىڭ قاچىسىغا سېلىپ مۇنداق دېدى: «شيې موما، سىزمۇ يەڭ!» موما بىلەن نەۋرە بىر - بىرىگە قارىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە ئىللىق مېھىر - مۇھەببەت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.