تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇتبول مەيدانىدا كۆرمەي تۇرۇپ يۈگۈرۈش، غەلىبىنى ئاڭلاپ ھېس قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى جيانى، گو لىڭ

كۆزنى ئېتىپ قويسا، قاراڭغۇ دۇنيادا قانداق يۈگۈرگىلى، ھەتتا پۇتبولنى قانداق تەپكىلى بولىدۇ؟

2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇسابىقە باشلىنىپ 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەمالار پۇتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمالار پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىدا مەيدانغا چىقىپ، سەككىز مەيدان كەسكىن مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى مەيدان يېڭىش، ئالتە مەيدان يېڭىلىشتەك نەتىجە بىلەن 7 - ئورۇندا تۇردى. گەرچە نەتىجە كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ، ئۇلار نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى ھالقىپ ئۆتۈپ قولغا كەلتۈرگەن بۆسۈش بولۇپ، ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

ئۈمىد تاۋلىنىپ نۇر چاچتى

«ھەي، ھەي، سول تەرەپتە ئادەم بار، كەينىڭىزگە بىر قەدەم يېنىڭ...» 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭجوۋ داشۆ شەھەرچىسىدە، مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمالار پۇتبول مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ كوماندىسى خېنەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئەمالار ئۆلچەملىك پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانى ئاسمىنىدا چۇقان - سۈرەن ياڭرىدى.

ماھىرلار كۆز توسقۇچ تاقىۋالغان بولۇپ، ئازراقمۇ نۇرنى ھېس قىلالمايتتى، يېنىدىكى، مەيدان ئەتراپىدىكى ۋارقىرىغان ئاۋازلارغا تايىنىپ رىتىم ۋە يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلاتتى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 4 - نومۇرلۇق تەنھەرىكەتچىسى بىلال ياسىن قاپقاراڭغۇ دۇنيادا قوڭغۇراقلىق پۇتبولنى ئىزدىدى، توپ ئېلىپ ماڭدى، توپ تەپتى، ۋاراتاغا توپ كىرگۈزدى...

مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى ئوتتۇرا مەيداندا توپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇۋالدى، توپ تېزلىكتە بىلالغا پاس بېرىلدى، ئۇ ئاۋازنىڭ يېتەكلىشى ۋە پۇت سېزىمىگە تايىنىپ، ئۇدا ئىككى مۇداپىئەچى ئەزانى ئالداپ ئۆتۈپ، توپنى ئېلىپ كىچىك چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئىنتايىن تار بۇلۇڭدىن توپنى يىراق بۇلۇڭغا كىرگۈزدى. 0:1، بۇ، شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ئىدى.

مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پۇشتىكى چېلىندى، نومۇر خاتىرىلەش تاختىسى 0:2دە توختىدى، شىنجاڭ كوماندىسى يەڭدى.

تۆت يىل ئىلگىرى، بىلال ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانىدا قانغۇچە يۈگۈرەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ ئەمالار پۇتبولى بىلەن بولغان ھېكايىسى 2021 - يىلى باھاردا باشلاندى.

ئەينى چاغدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى بىر كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئەمالار پۇتبولى تېپەلەيدىغان كىچىك ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشىغا توغرا كەلدى. شۇنداق قىلىپ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ نەزەرى يەكەن ناھىيەسى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىكى بىر توپ ئەما ئوقۇغۇچىغا چۈشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بالىلار تۇنجى قېتىم پۇتبول بىلەن ئۇچرىشىپ، ئويغىنىش مەشىقىنى باشلىدى. كېيىن، گەرچە كىنو تۈرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە توختىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتبول تېپىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇرۇق بالىلارنىڭ قەلبىدە ئاستا - ئاستا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

«كىنونى سۈرەتكە ئالمايدىكەن، پۇتبولنى داۋاملىق ئوينىساق بولامدۇ؟» بالىلار غەيرەتكە كېلىپ بۇ سوئالنى سورىدى. بۇ سوئالدىن بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئارزۇسى، شۇنداقلا شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىغا بولغان ئۈمىد چىقىپ تۇراتتى، بۇ سوئال ئويلىمىغان يەردىن پۈتكۈل ھېكايىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. چوڭلار مۇنداق قارار قىلدى: بالىلار داۋاملىق توپ تېپىدىغان بولدى، سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى شۇ جايدا ھۆججەتلىك فىلىم سۈرەتكە ئېلىش كوللېكتىپىنى قايتا تەشكىللەيدىغان بولدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامېرا ئارقىلىق بۇ يېڭىدىن تەشكىللەنگەن كوماندىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى خاتىرىلىنىدىغان بولدى.

2024 - يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ بويىچە مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلگەندە، سۈرەتكە ئېلىش تۈرىگە قاتناشقان بارلىق كوماندا ئەزالىرى بىرلىكتە مەشىققە قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بۇ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش كوماندىسىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. مەكتەپتە بالىلار كەسپىي تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملىق يۈگۈرەلەيدىغان، توپ تېپەلەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئەمالار پۇتبولى سەۋەبلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى ھەم ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇردى.

«ئەتراپىمدىمۇ ئەمالارنىڭ توپ مەيدانىدا يۈگۈرۈپ توپ تېپەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز.» بىلال مۇنداق دېدى: پۈتۈنلەي كۆرەلمەسلىك مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەربىر ئىشنى قىلغاندا تۇيغۇغا تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن دېرەك بېرىدۇ، باشقىلارنىڭ توپ مەيدانىدا خالىغانچە توپ تېپەلەيدىغانلىقىغا تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم، بىراق كۆرەلمىگەچكە، پەقەت توپ مەيدانىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش ساداسىنىلا ئاڭلايتتىم، ئەمالار پۇتبولى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئەسلىدە ئۆزۈمنىڭمۇ توپ مەيدانىدا خالىغانچە يۈگۈرەلەيدىغانلىقىمنى بىلدىم.

قاراڭغۇلۇقتىمۇ يۈگۈرگىلى بولىدۇ

«توپ كوماندىسى يېڭىدىن قورۇلغان، توپچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، توپ كىرگۈزۈشى، مۇسابىقىدە يېڭىشى ئاسان ئەمەس.» شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لو چېڭميەن مۇنداق دېدى: بۇ بالىلار مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانىغا چىقىش ئۈچۈن، ھەربىر قەدەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.

لو چېڭميەن ئەسلىدە جۇڭگو جەنجياڭ لۇڭرېن پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، 2024 - يىلى سۈرەتكە ئېلىش - ئىشلەش گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ يىراقتىن شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ ياش كوماندىنىڭ تىرېنېرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بىلال مۇنداق دېدى: توپ تېپىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتىن توپ مەيدانىدا يۈگۈرۈش، توپ تالىشىشقىچە، لو تىرېنېر ماڭا ھەمراھ بولۇپ كۆپ مەشىق قىلدۇردى، ئاۋازنى ئاڭلاپ ئورۇننى پەرق ئېتىشتىن تەپكەن توپنىڭ بوش - چىڭلىقىغىچە، ئىنچىكە ھالقىلارنى ئاز - ئازدىن تەھلىل قىلىپ، مېنى قەلبىمدىكى ۋەھىمىنى يېڭىپ، توسۇق ئىچىدە يۈرەكلىك ھالدا يۈگۈرۈپ توپ تالىشىش، توپ تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاشۇ دەقىقىدە، شامال يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتكەندە، خۇددى ئۇچقاندەك، خۇددى چۈش كۆرگەندەك قاراڭغۇلۇقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، پۇتبول ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم.

كۆرمەي تۇرۇپ يۈگۈرۈشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، مەيلى مۇسابىقە ياكى مەشىق بولسۇن، كوماندا ئەزالىرى ئازراقمۇ نازۇكلۇق قىلماي، يىقىلىپ چۈشسە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئىچىدە داۋاملىق ئىزدەندى، سىنىدى، جان تىكىپ تالاشتى.

ئەمالار پۇتبول قائىدىسىدە، ۋاراتار بىلەن يېتەكلىگۈچى كۆرۈش قۇۋۋىتى بار كوماندا ئەزالىرى بولۇپ، پۈتۈن كوماندىنىڭ مۇداپىئە ئۇل تېشى ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى «قوماندانى» ئىدى. چېن جۈنجيېمۇ جۇڭگو جەنجياڭ لۇڭرېن پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۇلۇبىدىمۇ ئەمالار پۇتبول مەشىقى بار بولغاچقا، لو چېڭميەننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، ئۇ شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدا ياخشى ۋاراتار بولۇشنى تاللىدى.

چېن جۈنجيې ۋاراتانى ياخشى ساقلاپلا قالماي، يەنە سىجىل، جاراڭلىق بۇيرۇق بىلەن ھەمراھلىرى ئۈچۈن مەيداندىكى «ھەرىكەتچان خەرىتە»نى سىزىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. «سول تەرەپ بوش قالدى» «ئالدىغا بېسىپ كىرىڭلار» «توپ پۇتۇڭدا»، مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ ھەر ۋاقىت مەيداندىكى ھەربىر ھەرىكەتنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىپ تۇردى، ھەربىر بۇيرۇق ھەمراھلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جان تىكىپ ئېلىشىشىدىكى يول باشلاش بۇيرۇقىغا ئايلاندى.

مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى مۇسابىقىلىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ قالدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئارام ئېلىش ئۆيىدە، چېن جۈنجيې ئۆزى يالغۇز بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ياش تۆكتى. «جۈنجيې، يىغلىماڭ، كېيىنكى مەيداندا يېڭىۋالىمىز» «نومۇر پەرقى چوڭ ئەمەس، يەنە بىرنەچچە قېتىملىق ھۇجۇمنى توسۇپ قالدۇق، ناھايىتى قالتىس بولدى»... ئارام ئېلىش ئۆيىدە كوماندا يېتەكچىسى، تىرېنېر، كوماندا ئەزالىرى بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈردى، كۆپچىلىك بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلاشتى، مەغلۇبىيەتتىن كېيىنكى مەيۈسلىنىش ئىللىق دوستلۇق مېھرى ئىچىدە تەدرىجىي تاراپ كەتتى.

ئۇدا بىرنەچچە مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇلار مەملىكەتلىك مۇسابىقە مەيدانىدا بىر مەيدان ئۇتۇپ، ئۆزىنى ئىسپاتلاشنى بەكلا ئارزۇ قىلدى.

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گۇاڭجوۋدا سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، «ھو، ھو، ھو» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز چىملىق مەيداندا گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. بىلالنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ ئېرتۇەن كوماندىسىنى يەڭدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا پۇشتەك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى بىلەن، ۋاراتار چېن جۈنجيېنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياشلىرى تۆكۈلدى. ئۇ ھەمراھى بىلال بىلەن پېشانىسىنى چىڭ تەگكۈزدى، ئارقىدىن قىسقا ئەمما كۈچلۈك قۇچاقلاشتى، ئىككىيلەن غەلىبە شادلىقىدىن تەڭ بەھرىلەندى.

«كوماندىمىزنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشى ناھايىتى جايىدا بولدى» دېدى مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى يې جىگاڭ كۆپچىلىكنىڭ ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ.

بۆسۈش ئارزۇنى يورۇتتى

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەمالار پۇتبولى ئەرلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىگە توققۇز كوماندا قاتناشتى، مۇسابىقىدە ئايلانما مۇسابىقە جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى قوللىنىلدى، ھەربىر كوماندا سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، جۇغلانما نومۇر بويىچە رەتكە تىزىلدى. يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن، لياۋنىڭدىن ئىبارەت تۆت كۈچلۈك كوماندا ئالدىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئېنىقلا يېڭى كوماندا ئىدى.

سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان ئۇتۇش، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن 7 - ئورۇندا تۇردى، بۇ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى. «باشقىلارنىڭ نەزەرىدە بۇ نەتىجە ئانچە ياخشى ئەمەس، لېكىن بۇ، بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، كۆپچىلىككە شىنجاڭدا ئەمالارنىڭمۇ پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەم پۇتبول تېپەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى» دېدى يې جىگاڭ.

دەسلەپكى جىددىيلىشىپ ئەنسىرەشتىن مۇسابىقە رىتىمىغا تەدرىجىي ماسلىشىشقىچە، ئارقا - ئارقىدىن ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن غەلىبىگە ئېرىشىشكىچە، ھەربىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، كوماندا ئەزالىرىنىڭ روھىي ھالىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۇلار تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، پۇتبول مەيدانىدا بارغانسېرى ياخشى ماسلىشىدىغان بولدى.

«ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىنكى بېسىمدىن قۇتۇلۇپ، ئاستا - ئاستا سالماقلىق بىلەن ئويلانغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ماسلىشىشىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولدى.» بىلال مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم توپ كىرگۈزگەندە سەل گاڭگىراپ قالدىم، بۇنى ئۆزۈمنىڭ قىلالىغانلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. لېكىن مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، مەن مۇسابىقە رىتىمىغا تەدرىجىي كۆنۈپ، مەيداندا تېخىمۇ تەمكىن، ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولدۇم.

گۇاڭدۇڭ ئېرتۇەن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن ئاچقۇچلۇق توپ توغرىسىدا توختالغاندا، بىلال ئۇنى ئۆزئارا ماسلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قارىدى: «بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جۈنجيې ئاكام ئىككىمىز ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇق، ئۇ توپنى دەل مېنىڭ پۇتۇمغا ئېتىپ بەرگەچكە، بۇ مەيدان غەلىبىگە ئېرىشتۇق.» بۇ خىل ماسلىشىشنى ئۇلار سانسىز قېتىملىق مەشىق ۋە مۇسابىقە جەريانىدا تەدرىجىي يېتىلدۈرگەن.

ئەمالار پۇتبولى ئەمەلىيەتتە بىر توپ كوماندىسى، بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كۆرۈش توسالغۇسى بار ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا، جەمئىيەتكە سىڭىشىپ كىرىشىگە ياردەم بېرىدىغان كۆۋرۈك.

«پۇتبول تېپىشتىن بۇرۇن مەن بەك ئىچ مىجەز ئىدىم، تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم، پۇتبول مېنى ئاستا - ئاستا ئىشەنچكە ئىگە قىلدى» دېدى شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان سەمىمىيلىك بىلەن.

«ئىلگىرى ئۆزۈمنى سەل كەمسىتەتتىم، توپ تەپكەندىن كېيىن قورۇنمايدىغان بولدۇم، تېخىمۇ ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتىم» دېدى ئەترەت ئەزاسى ئابدۇمىجىت مەمەتمۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەمبەھرىلەپ.

«ئۇلارنىڭ كۆرەلمىسىمۇ، يەنىلا توپ تالىشىشقا، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلغانلىقىغا ئەڭ قايىل بولىمەن.» شىنجاڭ ئەمالار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى ۋاڭ جىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىر مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كۆرۈش توسالغۇسى بار ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمىدىكى يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىچكى كۈچنى ھېس قىلدۇردى، مانا بۇ غەلىبە، بۇ، نەتىجىدىنمۇ بەكرەك بىزنى ھاياجانغا سالىدۇ.

ئۆزىنى كەمسىتىش، ئىچ مىجەز بولۇشتىن ئۆزىگە ئىشىنىش، ئوچۇق - يورۇق بولۇشقىچە، كۆرۈش توسالغۇسى بار ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول ئارقىلىق ئۆزىنى نامايان قىلىش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق نۇرنى كۆرەلمىسىمۇ، پۇتبول دۇنياسىدىن يورۇقلۇق تاپالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مانا بۇ، غەلىبە!

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.