− ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىجوۋنى زىيارەت
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن
تەبىئىي بايلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ماددىي ئاساسى، بوشلۇق ۋاسىتىسى ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، تەبىئىي بايلىقنى قوغداش ۋە مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشقا قارىتا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شىنجاڭ قانداق قىلىپ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن بايلىق تىرىكىنى مۇستەھكەملەيدۇ؟
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر سۈن جىجوۋ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، قوشۇن قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ۋەزىپىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، يەر ۋە قېزىلما بايلىق قوش كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
سىياسىي يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز
«پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ، تەبىئىي بايلىق خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.» سۈن جىجوۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە ئىسىتراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە پىلانلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنىڭ تەبىئىي بايلىق ساھەسىدە كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
«14 - بەش يىل»مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئېنېرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.
سۈن جىجوۋ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خىزمەتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. سىجىل تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ تەبىئىي بايلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى پۇختا تۇتۇش، تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش ئارقىلىق «پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەسئۇل بولۇش، پارتىيە ئەزالىرى بېجىرىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + كەسىپ + مۇلازىمەت» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «مەسئۇلىيەت تۈزۈمى + ھېسابات دەپتىرى تۈزۈمى» بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەبىئىي بايلىقنىڭ ياخشى «چوڭ باشقۇرغۇچىسى» ۋە گۈزەل شىنجاڭنىڭ ياخشى «قوغدىغۇچىسى» بولىدۇ.
بايلىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلايمىز
«2030 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېشىل، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بايلىق كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىمىز.» سۈن جىجوۋ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق سىستېمىسى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ بايلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
يەر ئامىلى كاپالىتى جەھەتتە، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلايمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دۆلەت چۈشۈرگەن ئاپتونوم رايون بويىچە 79 مىليون 200 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر ۋە 63 مىليون 158 مىڭ 300 مو مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. «مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى زاپاس ساقلاش رايونىنى ئىلمىي بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشنى پۇختا قەدەم بىلەن قانات يايدۇرىمىز.
يەر ئامىلى تەمىناتىنى كۈچەيتىمىز. سىياسەت قورالىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەر پىلان كۆرسەتكۈچىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم تۈرلەردە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يەر ئىشلىتىش، ئورمان ئىشلىتىش، ئوتلاق ئىشلىتىشنى ھەمتۈرتكە بولۇپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا كېڭەيتىمىز.
قېزىلما بايلىق ئامىلىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىنى چۆرىدەپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىمىز. كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇنى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق قېزىلما بايلىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تاماملاپ، شىنجاڭغا گېئولوگىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت پايدىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولىمىز. يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تارىختىن قېپقالغان تاشلاندۇق كانلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويىمىز.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، بىر تۈركۈم كان ئىزدەش نىشان رايونى ۋە چارلاپ تەكشۈرۈش رايون بۆلەكلىرىنى بايقاشقا تىرىشىمىز. قېزىلما بايلىقنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈر ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كان تۈرلىرىنى ھەقلىق بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرىمىز.
ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايمىز
«2030 - يىلىغىچە، شىنجاڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ئاساس، بىرلىككە كەلگەن ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە باشقۇرۇشنى ۋاسىتە قىلغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، تاكامۇللاشتۇرىدۇ» دېدى سۈن جىجوۋ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يىرىك پىلاننى قەرەللىك تەكشۈرۈش، باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، تەبىئىي بايلىقنى «بىر خەرىتە» بىلەن باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش - نازارەت قىلىش سىستېمىسى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئاساسىي ئۇچۇر سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى تەبىئىي بايلىق مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، پىلانلاپ يولغا قويۇش، ئىشلىتىلىش ئورنى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ. گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، ئاساسىي ئۆلچەپ سىزىش مۇلازىمەت ساھەسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، گېئو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
سۈن جىجوۋ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى يەنە تەبىئىي بايلىق ساھەسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، «بىر خەرىتە» قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.






