تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭ مېۋىلىرى مەملىكەت سىرتىغا چىقتى، خۇش ھىدى دۇنياغا تارالدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

تاموژنا ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورتى شىددەت بىلەن ئېشىشنى كۈتۈۋالدى، ئېكسپورت قىلىنغان تۈرلۈك مېۋە جەمئىي 280 مىڭ توننا بولۇپ، سوممىسى 3 مىليارد 580 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2024 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %40 ۋە %45 ئاشقان. 2025 - يىلى، شىنجاڭ مېۋىلىرى مەملىكەت سىرتىدىكى بازارلارغا تېز كېڭىيىپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر پارچە جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

سۈپەت ئۆسۈپ، مەملىكەت سىرتىدىكى ئېھتىياجغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتى

يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سېخلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، خىزمەتچى خادىملار ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋىلەرنى ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جىددىي تاماملاۋاتاتتى.

بورتالا شەھىرى شىيۈ فېڭنۇڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ سېخىدا، يەشىك - يەشىك سۆسۈن رەڭلىك ئۈزۈملەر قاچىلاپ پېچەتلەنگەندىن كېيىن، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش ئارقىلىق مالايسىيا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بازارلارغا ئەۋەتىلىدۇ. «بۇلتۇر 9 - ئايدا ئۈزۈم يىغىۋېلىنغاندىن بۇيان، بىز 2000 توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلدۇق.» بىرلەشمە كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى جاڭ شىجياڭنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، «بۇ يىل ئۈزۈم ئېكسپورت ئەھۋالىدا مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئۆرلەش كۆرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى ساتالايمىز».

بىرلەشمە كوپىراتىپ تۇرۇشلۇق بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى ئىگىنخۇش كەنتىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك رايون ھېسابلىنىدۇ. 2023 - يىلى، دالتۇ بازىرى بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تۇەن - مەيدانلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، 12 مىڭ مو يەردە تۇتاش كەتكەن ئۆلچەملىك ئۈزۈمزارلىق ئاچتى. ئېسىل مېۋە سۈپىتىگە تايىنىپ، بۇ «شېرىن كەسىپ» مەملىكەت سىرتىدىكى ئېھتىياجغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، خەلقئارا بازار دەرۋازىسىنى تېز ئاچتى.

جاڭ شىجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە بىرلەشمە كوپىراتىپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، سوغۇق ساقلاش، توشۇش، سېتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈزۈمنى ئون نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ. ئۈزۈمچىلىك كەسپى زور مىقداردىكى ئىش ئورنى ياراتتى، ئادەتتە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 700 ئادەم ئىشلەيدۇ، ئۈزۈم ئۈزۈش بېسىق مەزگىلىدە يەككە كۈندە ئىشلىتىدىغان ئەمگەك كۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 8400 ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ.

باغۋەنچىلىك كەسپى شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى. 2025 - يىلى، شىنجاڭ مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مېۋە سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئېكسپورت رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ مېۋە ھوسۇلى 9 مىليون 500 مىڭ توننا (بىڭتۇەننىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)غا يېتىپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئاساسلىق مېۋە ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردىكى باغۋەنلەرنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمى ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ %30ىنى ئىگىلىگەن، قىسمەن رايونلاردا %60تىن ئاشقان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 5 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق باغۋەننىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

بۇرچىن ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ سۇڭيۈەن باغۋەنچىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، جىغان ئەسلىي مېۋىسى پىششىقلانغاندىن كېيىن بىۋاسىتە رۇسىيە بازىرىنى تەمىنلەيدۇ. 2024 - يىلى، بۇ شىركەت «جىغاننى قوش ئايلانمىلىق تېز توڭلىتىش − دانچىلاش − ئوراپ قاچىلاش ۋە جىغان مېيىنى دەرىجىدىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا چەككىلەپ ئېلىش» ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغان جىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2025 - يىلى، شىركەتنىڭ جىغان ئەسلىي مېۋىسى ئېكسپورت مىقدارى 1000 توننىغا يېتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى بازىرى يەنىمۇ كېڭەيدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىگە تايىنىپ، شىركىتىمىز رۇسىيە قاتارلىق مەملىكەت سىرتىدىكى بازارلارنى تەدرىجىي ئاچتى.» شىنجاڭ سۇڭيۈەن باغۋەنچىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چېڭنەن بازىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە جىغان قىيامى، جىغان مېيى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە يېتەكلەيمىز. نۆۋەتتە، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 120 مىڭ موغا يەتتى، شۇ جاي سىياسەت جەھەتتە يۆلەشنى كۈچەيتىش، مەملىكەت سىرتىدىكى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، جىغان كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، ماركىلىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى 276 ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى، مېۋىنى چېگرادىن چىقىرىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ 506گە يەتتى، مېۋە ئېكسپورتى پۈتۈن دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى. كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەر شىنجاڭ مېۋىلىرىنى مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىشتىكى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسى»غا ئايلاندى.

يوللار راۋانلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ جايلارغا سېتىلدى

قورغاس پورتىدا مېۋە - كۆكتات لىق قاچىلانغان نۆۋەتچى پويىزلار تەرتىپلىك يولغا چىقتى. «تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھەم تېز، ھەم راۋان بولدى، بۇ ياڭاقلار نەچچە كۈندىلا قىرغىزىستانغا يېتىپ بارىدۇ.» يۈك تىرانسپورت شوپۇرىنىڭ سۆزى چېگرا پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى. بۇ پورت شىنجاڭنىڭ مېۋە - كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتىكى مۇھىم يول.

كورلا جىنفېڭلى سوغۇق ساقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ نەشپۈت پىششىقلاش سېخىدا، ئىشچىلار تاللاپ دەرىجىگە ئايرىلغاندىن كېيىنكى نەشپۈتلەرنى «كورلا نەشپۈتى» دېگەن جۇغراپىيەلىك بەلگە بېسىلغان يەشىكلەرگە قاچىلاۋاتاتتى. 2025 - يىلى بۇ شىركەت 5000 توننا نەشپۈت سېتىۋالدى، بۇنىڭ %60ى كانادا، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى. «شىركىتىمىز مۇكەممەل بولغان خەلقئارا سېتىش تورى بەرپا قىلدى، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋېلىش ھەم پىششىقلاش لايىھەسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، سىجىل، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدۇ» دېدى بۇ شىركەت كەسپىي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى ليۇ پىڭپىڭ. نۆۋەتتە، كورلا نەشپۈتى پۈتۈن دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنماقتا، يىللىق ئېكسپورت مىقدارى تەخمىنەن 30 مىڭ توننا بولۇپ، 210 مىليون يۈەنگە يېقىن تاشقى پېرېۋوت ياراتتى.

قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروت يولى شىنجاڭ مېۋىلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»تىكى ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تايىنىپ، پورت، ئايرودۇرۇم، مېۋىنى چېگرادىن چىقىرىش بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان مېۋىلىك باغ قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت سىرتى بازىرىنى تېز ئېچىشىغا كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە سەككىز تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى دۆلەت قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، «شىنمېي مەخسۇس پويىزى» «نەشپۈت مەخسۇس پويىزى» قاتارلىق تۆمۈريول سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش مەخسۇس پويىزى 48 سائەتتە شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، سوغۇق زەنجىرلىك توشۇش مەخسۇس پويىزى، يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلانى قاتارلىق كۆپ خىللاشقان توشۇش ئەندىزىسى ماس كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولغان دۇنياۋى بازارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى «دوستلار چەمبىرىكى» سىجىل كېڭەيدى: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى شىنجاڭ مېۋىلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەملىكەت سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئايلاندى، 2024 - يىلى ئېكسپورت سوممىسى 2 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى شىنجاڭنىڭ ھۆل ئۈزۈم، نەشپۈتىنىڭ مۇھىم نىشانلىق بازىرى بولۇپ قالدى؛ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى شىنجاڭ ياڭىقىنى ئىمپورت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياۋروپا بازىرىدا شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈر بويىچە قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تىيانشان مېۋىلىرىنىڭ خۇش ھىدى دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۆپ جايلىرىغا تارالماقتا.

سىياسەت كۈچ قوشۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ قۇۋۋىتى ئۇرغۇدى

شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورتىنىڭ سىجىل كېڭىيىشىگە تىرەك بولغىنى سىياسەتنىڭ دەل جايىدا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىشى بولدى. شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ يېشىل، ئورگانىك مېۋە - كۆكتات كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت - ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ئاساسىي گەۋدىنى يېتىلدۈرۈشتىن بازار ماركېتىڭىغىچە، باغۋەنچىلىك كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

«ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرۈشتە پۈتۈنلەي تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھوسۇل يۇقىرى ئەمەس، سۈپىتىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. ھازىر باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئىلمىي ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى ئۆستى، كىرىمىمىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاشتى.» ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسى يارقوتان كەنتىنىڭ ئاھالىسى سەمەتجان ئابدۇكېرەمنىڭكىگە ئوخشاش مۇشۇنداق كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېكايىسىنى شىنجاڭدىكى باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باغۋەنچىلىك كەسپىنى خەلقنى بېيىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، 2025 - يىلى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ توپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، پىششىقلاش ھالقىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، تۆۋەن ھوسۇللۇق باغلارنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

2025 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئوندىن ئارتۇق مېۋە پىششىقلاش باغچە رايونى ۋە يەتتە چوڭ خاس مېۋە پىششىقلاش بازىسى قۇرۇلدى؛ 3000دىن ئارتۇق مېۋە كارخانىسى (ھەمكارلىق كوپىراتىپى) ئىچىدە 750 كارخانىنىڭ تۈرتكىلىك رولى بىرقەدەر كۈچلۈك بولدى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېۋە تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىسى 161گە يەتتى. قەشقەر مېۋە پىششىقلاش باغچە رايونىدا، بادام ئىنچىكە پىششىقلانغاندىن كېيىن قۇۋۋەتلىك قاتتىق پوستلۇق مېۋە سوۋغاتلىقىغا ئايلاندى؛ خوتەندىكى پىششىقلاش زاۋۇتىدا چىلاندىن چىلان قىيامى، چىلان تالقىنى ياسىلىپ، قوشۇلما قىممىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا «جيەنزىخاۋ» «ياۋزىخاۋ» مېۋە مەھسۇلاتلىرى 30 نەچچىگە يېتىپ، مېۋە پىششىقلاش نىسبىتى %70كە، بۇنىڭ ئىچىدە ئىنچىكە پىششىقلاش نىسبىتى %17كە يەتتى؛ ئالاھىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا توڭلىتىپ قۇرۇتۇش، ئازوت گازى بىلەن يېڭى پېتى ساقلاش، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىمدا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار كەڭ ئومۇملاشتى، مېۋىلەرنى يۇيۇش، ئايرىپ تاللاش، قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشى ھەر «بىر تال مېۋە»نىڭ قىممىتىنى داۋاملىق ئاشۇردى.

ئېسىل مېۋىلەر مەملىكەت سىرتىغا چىقتى، خۇش ھىدى دۇنياغا تارالدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، شىنجاڭنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپى «قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركىنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەت بىلەن تېخىمۇ كەڭ خەلقئارا سەھنىگە يۈزلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.