تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇز قاپلىغان دۆلەت دەرۋازىسىدا چېگرا ھالقىغان «باھار دولقۇنى» مەۋج ئۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا   ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ بېنبېن

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو - موڭغۇلىيە چېگراسىغا جايلاشقان تايكېشكېن پورتىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەن بولۇپ، قولنى سىرتقا چىقارسىلا بارماقلار توڭلاپ كېتەتتى، سوغۇق شامالدا يۈز تېرىلىرى ناھايىتى تېزلا قىزىرىپ كېتەتتى. ھالبۇكى، قەھرىتان سوغۇق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگىنى پورتتىكى چېگرا ھالقىغان قىزغىنلىق ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بولدى.

سەھەردە، دۆلەت دەرۋازىسى تېخى ئېچىلماي تۇرۇپلا، تايكېشكېن پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىش ئارىلىق رايونىدا، لىق مال قاچىلانغان زور بىر تۈركۈم ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بالدۇرلا ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاموژنىدىن ئۆتۈش بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋاتاتتى. شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈپ، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ھەربىر ئاپتوموبىلدىكى مالنى قاتتىق ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتاتتى. «تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش بويىچە تەكشۈرۈشنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئاپتوموبىللار يېتىپ كەلگەن ھامان تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى بۇ پونكىتنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 3 - ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ جېيۈن.

تايكېشكېن پورتى شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ شىمالىي يولى ۋە شىنجاڭ جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، 1989 - يىلى موڭغۇلىيە دۆلىتىگە قارىتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويدى. 30 نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ پورت خېلى بۇرۇنلا ئىلگىرىكى قىياپىتى بىلەن خوشلاشتى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش» ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ مۇھىم دەرۋازا چېگرا ھالقىغان ساياھەت ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك جانلىنىشىنى كۈتۈۋالدى.

كۆزنى چاقنىتىدىغان سانلىق مەلۇماتلار تايكېشكېن پورتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش جانلىق مەنزىرىسىنى سۈرەتلەپ بەردى: 2025 - يىلى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققان خادىملار 160 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، ئاپتوموبىل 100 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشتى، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەمئىي 3 مىليون 300 مىڭ توننىدىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 مىڭ توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %4 ئېشىپ، 2013 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يېڭىلاندى.

ۋۇ جېيۈننىڭ تايكېشكېن پورتىدا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقىنىغا 20 يىلدىن ئاشتى، ئۇ پورتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدى.

«ئېكسپورت ماللىرى دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى ئاساس قىلىشتىن، ھازىرقى ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تاش ماتېرىياللىرى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، گۈل - گىياھ قاتارلىق كۆپ خىل تۈرگە كېڭەيدى.» ۋۇ جېيۈن مۇنداق دېدى: ئېكسپورت تاۋارلىرى ئىچىدە، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. 2025 - يىلى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 2024 - يىلىدىكىدىن %30 ئېشىپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بېنزىن، دىزېل مېيى ئېكسپورت كەسپى ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ قايتا يولغا قويۇلدى، يىللىق ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 10 مىڭ توننىغا يېتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

2025 - يىلىدىن بۇيان، چېگرادىن كىرىش - چىقىش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشى، تۈرلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يولۇچىلار تايكېشكېن پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ پورت ئەتراپىدىكى رايونلارغا ھەم ئۈرۈمچى، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىدىغان بولدى، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللارنى سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش، ساياھەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەلىك، بېلارۇسىيەلىك يولۇچىلار 2024 - يىلىدىكىدىن %267.9 كۆپەيدى.

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئېكرانىدا، ئۇدۇلدىكى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ بۇرگەن پورتىدىن نەچچە ئون ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ جۇڭگو يۆنىلىشىگە قاراپ تىزىلىپ كېلىۋاتقانلىقى نامايان بولدى. ھاۋا ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپانىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدىكى قاينام - تاشقىنلىق ھالەتنى توسۇپ قالالمىدى.

قاپقارا كۆمۈر، يۇقىرى ساپلىقتىكى تۆمۈر رۇدىسى... موڭغۇلىيە دۆلىتىدىن چېگرا ھالقىپ كەلگەن شوپۇر باتېر يۇرتىدىن تايكېشكېن پورتىغا توشۇلىدىغان «ياخشى نەرسە»لەرنى بىرمۇبىر تونۇشتۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تايكېشكېن پورتى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپىنى پائال كېڭەيتىپ، مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، لىنىيە پىلانلاش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ چىقاردى. جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيەدىن ئۆتىدىغان ئاسىيا تاشيولى تورى 4 - لىنىيەسى (AH4) خەلقئارا يولىغا تايىنىپ، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا تىرانسپورت تورىنى بەرپا قىلدى.

«نۆۋەتتە، پورت ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئاساسلىقى كوكس كۆمۈر، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى سانائەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇاڭ خەيتاۋ.

تايكېشكېن پورتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارىدىكى ھالقىش تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ سىجىل ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، كەلگەن ھامان دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تاموژنا بىلەن بىرلىشىپ گۇۋاھنامىنى «بۇلۇتتا ئىمزا قويۇپ تارقىتىش» قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشكە كۈچ قوشتى.

يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى كۆپىيىش، ئېكسپورت تاۋارلىرى تۈرى كۆپ خىللىشىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قارىتا، تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى «تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش + دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارغا قارىتا، «ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش + تېز ئۆتكۈزۈش» مەخسۇس يولىنى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ مېۋە - كۆكتات قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارغا قارىتا، «ئالدىن تەكشۈرۈش + كەلگەن ھامان دەرھال تەكشۈرۈش» تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاۋارلارنىڭ يېڭى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئوبوروت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا: «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تايكېشكېن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ جېڭۋېيسى ئالىمجان ئابدۇراخمان مۇنداق بىلدۈردى: چېگرا تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ «دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت يادرولۇق بۇرچى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، «سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.