
1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار بۇرۇنقىدەكلا قىزىپ كەتتى، ھەر يەر-ھەر يەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مەنزىرىنى بويلاپ كەلدى، ئىللىق قۇياش نۇرى بىلەن تولۇپ تاشقان كەيپىيات گىرەلىشىپ، چوڭ بازارنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە تاۋارلار چوڭ بازار سېھرىي كۈچىنىڭ يادروسى بولۇپ، قولدا كەشتىلەنگەن ئاسما گىلەم، نەپىس مىللىي كۈمۈش بېزەك، خۇش پۇراق ئۆزگىچە قۇرۇق مېۋە، نەپىس ياغاچ ئويما بۇيۇملار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جوۋ ۋۇچۈەن قولدا ئىشلەنگەن ئەتلەستىن ئىشلەنگەن بىر بۇيۇمنى تەپسىلىي كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ تاۋارلارنىڭ نەقىشلىرى ۋە ھۈنەر-سەنئىتى ئالاھىدە سۈپەت تۇيغۇسىغا ئىگە، قويۇق شىنجاڭ پۇرىقىغا ئىگە، بىرنەچچە قۇر سېتىۋېلىپ ئۆيدىكىلەرگە، دوستلارغا سوۋغات قىلىشقا بەك ماس كېلىدىكەن!» سىچۇەندىن كەلگەن ساياھەتچى لى نا قول بىلەن سىلىقلانغان قاشتېشى قول تىزىقى تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆزگىچە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن، ھەربىرىنىڭ ھېكايىسى باردەك قىلىدۇ، تاللاش جەريانى ناھايىتى قىزىقارلىق ئىكەن، «ئىسسىقلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىمۇ جايىدا، ھاۋانىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلمىساقمۇ بولىدىكەن.»

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، ئاق ئارغىماق ئەينەك توپى شەكلىدىكى مەنزىرە ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارار جياڭلەيچېڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات-ئۆگىنىش بازىرىدا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىنىڭ 2-قارار جياڭلەيچېڭدىكى يېڭىسار پىچىقى سارىيىدا ساياھەت قىلىپ مال سېتىۋالماقتا.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلماقتا.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قول ھۈنەر بۇيۇملىرى خاس كوچىسىدا ساياھەت قىلماقتا.
قىشلىق ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات-ئۆگىنىش چوڭ بازىرى قاتارلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مول مەدەنىيەت-ساياھەت تەمىناتى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەنزىرە رايونى قىش پەسلىدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا يول يۈرۈشنىڭ قولايسىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈرلۈك كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىيادىلەر يولىنى دائىملىق چارلاپ تەكشۈرۈپ، ھالقىلىق يول بۆلەكلىرىگە تېيىلىشتىن ساقلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىپ، خىزمەتچى خادىملارنى نەق مەيداندا يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى قىشلىق ساياھەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چايخانا، مەززىلىك تائاملار رايونى قاتارلىق رايونلاردا ئىسسىقلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى راھەت مۇھىتتا ساياھەت خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن قىلدى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






