تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«سەنجيۇ» كىردى! ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېز تۆۋەنلەمدۇ؟

1-ئاينىڭ 8-كۈنى

دۆلىتىمىز «سەنجيۇ» (三九) مەزگىلىگە كىردى

بۇ يىل ئۈرۈمچىدە «سەنجيۇ» مەزگىلىدە

 تېمپېراتۇرا بىر قەدەر ئىللىق بولىدىكەن

كەلگۈسى بىر ھەپتىدە كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن

يېقىنقى مەزگىلدە ئومۇمىي تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرى بولىدىكەن

1-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق. گاۋ چۈەن فوتوسى

1-ئاينىڭ 8-كۈنى

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلىشىچە

كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە

ئۈرۈمچىدە كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى

ۋە ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلمەيدىكەن

ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدىكەن

قىسمەن ۋاقىتلاردا تۇمان كۆرۈلىدىكەن

تېمپېراتۇرا جەھەتتە

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11-تىن ℃13-قىچە بولىدىكەن

بۈگۈن ۋە ئەتە

ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەپ

℃6-تىن ℃7-قىچە بولىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي داۋشېڭ فوتوسى

   «دۆلىتىمىزنىڭ يېرى كەڭ،‹سەنجيۇدا قەھرىتان سوغۇق بولۇش›تەك كىلىمات قانۇنىيىتى ھەرقايسى جايلارغا تامامەن ماس كېلىۋەرمەيدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى گۇڭ خېڭرۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى «سەنجيۇ» مەزگىلىگە مەركەزلىشەمدۇ-يوق، بۇنى يەنە ھەر ھەپتىدە ئۇدۇللۇق ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ھازىرغىچە، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن سەل يۇقىرى بولۇش ھالىتى كۆرۈلگەن، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ شۇ كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃12-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃4.3- بولۇپ، بۇ يىل شۇ كۈندىكى تېمپېراتۇرا بىلەن بولغان پەرقى چوڭ ئەمەس.

«سەنجيۇ»دىن ئىبارەت بۇ قەھرىتان سوغۇق مەزگىلدە

زۇكام، بوغۇم ئاغرىش

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلى ھەمدە يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق

ساغلاملىق مەسىلىلىرى ئاسانلا كۆرۈلىدۇ

ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش

بولۇپمۇ باشنى ئىسسىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش

مۈرە، بويۇن ۋە پۇت قاتارلىق ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قالىدىغان جايلارغىمۇ

ھەسسىلەپ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى ئاسراش كېرەك

بۇنىڭدىن باشقا مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى

يېقىندا تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى

ئاممىنىڭ سىرتقا چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىپ

ئېھتىيات بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.