ھازىر نورۇ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلىپ، نورۇ ۋىرۇسىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ۋىرۇسقا قارشى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا ۋە ۋاكسىنىنىڭ تېخى يوقلۇقىنى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






