تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ يېڭى مەملىكەتلىك قار-مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرى مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدا ئىككى تۈر بار

   يېقىندا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» 20252026-يىللىق مەملىكەتلىك قار-مۇز مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى تۈرلۈك مۇھىم مۇسابىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: 2026-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2026-يىللىق «يۈگۈرۈڭلار . ئۆسمۈرلەر» مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر قىشلىق قۇياش نۇرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 20252026-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەملىكەتلىك دالىدا قار تېيىلىش چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى.

   ئەڭ يېڭى مەملىكەتلىك قار-مۇز مۇسابىقىسى پائالىيەت مۇندەرىجىسىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرى «مۇسابىقىگە ئەگىشىپ ساياھەت قىلىش» ئارقىلىق ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قار-مۇز مۇسابىقىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، «قار-مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدۇ. تەنتەربىيە كارخانىلىرى ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونى، ساياھەت ئىستىراھەت رايونى، كېچىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى توپلاشقان رايون قاتارلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.