تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025-يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى!

  گۇڭئەن نازارىتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزگەن شىنجاڭ گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ جۇڭگو خەلق ساقچىلىرى بايرىمى باش تېمىسىدىكى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، گۇڭئەن نازارىتى بىرلىكتە سۈي ۋېنلياڭ قاتارلىق 20 نەپەر خەلق ساقچىسىغا 2025-يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» دېگەن نامنى بەردى.

  شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى»نى تەشۋىق قىلىش، ئېلان  قىلىش پائالىيىتى 2021-يىلىدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۆت نۆۋەتتە 51 نەپەر شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» تەشۋىق قىلىندى، ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە نەپەر خەلق ساقچىسى مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، ياخشى ئۈلگەبولۇش، يېتەكلەش ئۈنۈمى شەكىللەندى.

  2025-يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى»نى تەشۋىق قىلىش، ئېلان قىلىش پائالىيىتى شۇ يىلى 8-ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش-سەپەرۋەر قىلىش، تەۋسىيە قىلىش-تەكشۈرۈش، تەشۋىق قىلىش-ئېلان قىلىش ۋە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ ئارقىلىق، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ دەرىجىمۇ دەرىجە تەۋسىيە قىلىش، قاتتىق تەكشۈرۈش، كەڭ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان، نەتىجىسى گەۋدىلىك، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، پاك-دۇرۇس ئىلغار تىپلار تاللاپ چىقىلىپ، ئەڭ گۈزەللىكنى قەدىرلەيدىغان، ئەڭ گۈزەللىكتىن ئۆگىنىدىغان، ئەڭ گۈزەل بولۇشقا تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلدى.

  تەشۋىق قىلىش، ئېلان قىلىش، ئىچكى جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، ئېلان قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق سۈي ۋېنلياڭ قاتارلىق 20 نەپەر خەلق ساقچىسى 2025-يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» بولۇپ سايلاندى.

قوشۇمچە: 2025-يىللىق شىنجاڭدىكى «ئەڭ گۈزەل ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىسى» ئىسىملىكى (بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.