تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تىيانشان ئېتىكىدىكى 100 توننىدىن ئارتۇق سالمون بېلىقى بازارغا سېلىندى!

   دېڭىز-ئوكياندىن يىراق، كىلىماتى قۇرغاق بولغان شىنجاڭدا سالمون بېلىقى بېقىش نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزەرىدە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ بۇنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، كەسىپ كۆلىمىمۇ بارغانسېرى زورايدى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئويلاشقا، سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك شىجائەت، پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىش تۈرتكىسىدە، سالمون بېلىقى شىنجاڭدا يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، يەنە بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدا بىردىنلا باش كۆتۈرۈپ، بىزنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات «مۆجىزىسى»نى يارىتىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يېقىندا

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ بويىغا جايلاشقان

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە

20 مىڭ تالدىن ئارتۇق سالمون بېلىقى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ بۇلاق سۈيىدە ئەركىن ئۈزدى

ئىگىلىنىشىچە

بۇ جاينىڭ باقمىچىلىققا ئىشلىتىدىغان سۈيىنىڭ

ھەممىسى كوئېنلۇن تېغىدىكى تەبىئىي بۇلاق سۈيى بولۇپ

  سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى كېچە-كۈندۈز 6 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا مۇقىم تۇرىدىكەن 

سۇ سۈپىتى ساپ، شۇنداقلا ھەر خىل مىنېرال ماددىلار مول بولۇپ

سالمون بېلىقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى 

ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە قىلغان

كوئېنلۇن تېغىدا تەبىئىي بۇلاق سۈيى بايلىقى مول بولۇپ

   تېز پارچىلىنىپ ئوكسېگىن ئاجرىتىپ چىقىرىش، سۇ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش

سۇ سۈپىتى ئەلا بولۇشتەك تەبىئىي ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغاچقا

سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي ھېسابلىنىدۇ

 بۇ جايدا بېقىلغان سالمون بېلىقى

 سېرىق كۇمجا بېلىق قاتارلىق سوغۇق سۇ بېلىقلىرى ئەتلىك، يېيىشلىك

يۇمران ھەم گۆشلۈك بولۇپ 

شۇ جايدىكى بازاردا ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماي

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆپلىگەن ئۆلكىلەرگە سېتىلىپ

كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى


بۈگۈنكى كۈندە

سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق كەسپى

خوتەن ناھىيەسىنىڭ

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى خاس تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئېكولوگىيە بايلىقىنى

ھەقىقىي تۈردە خەلقنى بېيىتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى «خورىماس مەنبە»گە ئايلاندۇردى 

 (مەنبە: بىڭتۇەن گېزىتى، خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدىكى تور ساندۇقىغا بوشلۇقتىن نەزەر.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تيەنيۈن بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نيې شوۋيۈەن كېمە بىلەن سالمون بېلىقى توشۇماقتا.

يېقىندا

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5-شى

88-تۇەن تىيانشان تاغ تىزمىسىنىڭ تارماق لىنىيەسى بولغان ئالاتاۋ تاغ ئېتىكىدىكى

شىنجاڭ جىنچۈەن بېلىقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ

سالمون بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىدا بېقىلغان

100 توننىدىن ئارتۇق سالمون بېلىقى ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى

سالمون بېلىقى سۇدىن چىقىپ ئىككى سائەت ئىچىدە دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىنىدۇ

ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىش، يۇيۇپ تازىلاش، دەرىجىگە ئايرىش

ئوراش، يەشىككە قاچىلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىدىن كېيىن

پۈتۈن جەرياندا سوغۇق زەنجىرسىمان ھالىتىدە

يېڭى پېتى جياڭسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ

88-تۇەن تەبىئىي بۇلاق سۈيى بايلىقىغا ئىگە

سۇ تېمپېراتۇرىسى يىل بويى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن 

سۈيى سۈزۈك، ئوكسىگېن مول بولۇپ

سالمون بېلىقىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى

ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن 

بۇ بازا 2023-يىلى 8-ئايدا

تۇنجى قېتىم 100 مىڭ بېلىجان سالغاندىن بۇيان

«بىر تۈركۈمنى سېتىش، بىر تۈركۈمنى تولۇقلاپ سېلىش»تىن ئىبارەت دەۋرىي باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ

تۈركۈمگە بۆلۈپ سېلىش ۋە دەۋرىي سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى

ئىككى يىلدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق

2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 200 توننا تاۋار بېلىق

مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جياڭسۇ، شەندۇڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى


قىش پەسلى ھەم سالمون بېلىقىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى

ھەم كۆپەيتىشنىڭ ئالتۇن باسقۇچى

نۆۋەتتە

تۇخۇمدىن چىقىرىش مەيدانىدىكى تېخنىك خادىملار بېلىق تۇخۇمىنى تاللاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ

ئەي بولمىغان تۇخۇم ۋە غەيرىي شەكىللىك بېلىجانلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ شاللاپ

تۇخۇمدىن چىقىرىپ ئەي قىلىش نىسبىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلماقتا

تونۇشتۇرۇلۇشىچە

بۇ بازىدىكى سالمون بېلىقى تۇخۇمىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىپ ئەي بولۇش نىسبىتى %70 ئەتراپىدا مۇقىملاشقان بولۇپ

يىللىق تۇخۇمدىن چىقىش ئىقتىدارى 4 مىليونغا يېتىپ

كەسىپنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا كاپالەتلىك قىلغان

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.