ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشتىن باشلايلى


بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالامسىز؟
مايتاغ چوڭ جىلغىسى!
بۇ ھەقىقىي مەنزىرە، سىدام سىزما ئەمەس
مايتاغ چوڭ جىلغىسى قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىغا جايلاشقان
«مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى سىرلىق جاي، مىليون يىلدىكى ئاجايىپ مەنزىرە» دەپ ئاتالغان
بۇ يەر تىيانشاننىڭ ئېرىگەن قار سۈيىنىڭ
ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئېقىتىشىدىن شەكىللەنگەن
جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان 20 كىلومېتىرلىق جىلغا ھېسابلىنىدۇ
توپا قەۋىتىنىڭ ئالاھىدە تۈزۈلۈشى سەۋەبلىك
مايتاغ چوڭ جىلغىسى بەك كۆپ ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بىلەن قاپلانمىغان
جىلغا-ئازگاللارنىڭ ھەممىسى تەبىئەتنىڭ ھەدىيەسىدۇر
بوشلۇقتىن پۈتكۈل جىلغىغا نەزەر سالغاندا
بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغا-ئازگاللار تەبىئەتنىڭ غايەت زور پالتىسىدا «ئويۇپ» چىقىلغان بولۇپ
خۇددى ئاجايىپ ماھىر ئۇستازنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ چىققان نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغىلا ئوخشايدۇ
تەبىئەتنىڭ بۇ ھاسىلاتلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ
مايتاغ چوڭ جىلغىسىنى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى بىرىنچى مەنزىرە دىيىشكە بولىدۇ
جىلغا ئېگىز ۋە تىك يارلار بىلەن تولغان بولۇپ، جىلغا ئاستىدىكى ئېقىن سۇلار گاھ بىرىكىپ گاھ ئايرىلىپ تۇراتتى

تېخى قار ياغمىغاندا
سارغۇچ قىزىل رەڭلىك قىيا
قۇياش نۇرى ئاستىدا قەۋەت-قەۋەتلەرگە ئايرىلىدۇ
قار ياغقاندىن كېيىنكى مايتاغ چوڭ جىلغىسى
بىر پارچە سىياھ رەسىمدەك ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ
قىيانىڭ يېنىغا يېقىن بارسىڭىز
بۇ يەرنىڭ قانچىلىك ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايسىز
بۇ گۈزەللىكنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ
«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






