تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

نىغمەت شىنجاڭغا قار تېيىلغىلى كەلدى!

1-ئاينىڭ 5-كۈنى

يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى سىن سۇپىسى

خەۋەر تارقاتتى:

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى نىغمەت

شىنجاڭغا كەلدى

بۇ قېتىم

ئۇ 

ئۈرۈمچى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىغا كەلدى

سىندا

ئۇ ئۇچىسىغا كەسپىي قار تېيىلىش جابدۇقلىرىنى كىيىپ

قار تېيىلىش مەيدانىدا بەھۇزۇر قار تېيىلۋاتقان بولۇپ

تۇرقى تولىمۇ قامەتلىك ئىدى

مەنبە: يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى سىن سۇپىسى

سىندا

نىغمەت تورداشلارنى قىزغىن تەكلىپ قىلدى:

«شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز!»

تورداشلار ئۇنىڭ قار تېيىلىش تېخنىكىسىنى ماختىدى:

«قارىماققا ئۇستا ماھىرنىڭ ئۆزى»

نېمە دېگەن كېلىشكەن!

ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ يارقىن نام كارتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن

يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى ئەلا سۈپەتلىك قار-مۇز بايلىقىغا ئىگە بولۇپ

شىنجاڭدىكى تۇنجى 5S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ

بۇ جاينىڭ قار تېيىلىش يولى خەلقئارا قار تېيىلىش بىرلەشمىسىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپاتىغا ئېرىشكەن

2026-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى شەرقىي رايون قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى قار تېيىلىش يولىدا يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىكى تۇنجى تېيىلىشنى باشلىدى.

ماتېرىيال سىن

بۇ يەردە مەملىكەت بويىچە ئەڭ كەڭ بولغان دەسلەپكى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولى بار بولۇپلا قالماستىن

يەنە جۇڭگودىكى ئەڭ كەسكىن مۇسابىقە ھالىتىنى ھازىرلىغان قار تېيىلىش يولى بار

بىرىنچىسى (شۈەنزاڭ يولى)، ئىككىنچىسى (ئەيۋېن يولى)

تۆتىنچىسى (ئادەتتىن تاشقىرى يول)

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ يوللۇق سەككىز كىشىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك ساياھەت ئاسما ۋاگونى بار

قار تېيىلىشتىن باشقا

كۆپچىلىك يەنە ئورمان ئاسما ۋاگونىغا ئولتۇرۇپ

تاغ چوققىسىغا چىقىپ تىيانشان قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ

ماتېرىيال سىن

بۇ يەردە كەچتە قار تېيىلىشلا ئەمەس

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان تۆمۈر ئۇچقۇنى چىقىرىش ئويۇنىدا 1600 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تۆمۈر سۇيۇقلىقى كېچە ئاسمىنىغا چېچىلىدۇ 

ئالتۇن يامغۇر تۆت ئەتراپقا چاچراپ، ئاپئاق قار بىلەن بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرىدۇ؛

ساليوتلار بىر-بىرلەپ نۇر چاچقاندا

پۈتۈن ئاسمان يورۇپ بوغدا چوققىسىنىڭ مەنزىرىسى بىلەن تەڭ نامايان بولىدۇ؛

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئويۇنى كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرىدۇ

……

شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى قار مەزگىلى ئۇزاق 

قار سۈپىتى يۇمشاق، قۇرغاق 

قار مەيدانى ئىللىق، شامال يوق 

قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش تولىمۇ ئازادە 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 

شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ ئالقىشقا ئېرىشمەكتە

ساياھەتچىلەر يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

   يەنە نېمىنى ساقلايمىز؟

   ​قار-مۇز ئۇچرىشىشىغا كېلىڭ!

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.