− «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈش
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ «لايىھە»دە دىققەت قايسى جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى 15 مىنۇت ئىچىدىلا ئەلا سۈپەتلىك ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؟ 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.
تېخىمۇ يېقىن نۇقتىدا داۋالىنىش −
كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىنىدۇ
يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش تورى مۇنداق يېڭى سىناققا دۇچ كەلدى: ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى تەڭپۇڭ ئەمەس، مۇلازىمەت ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك ساقلانغان، چەت - يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرى ھەم چېگرا رايونلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆزگىرىشكە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىكتە بۇ «لايىھە»نى بېسىپ تارقاتتى.
«لايىھە»دە «ئاھالىلەر 15 مىنۇتتا ئەڭ يېقىن داۋالاش مۇلازىمەت نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدىغان بولۇش» يادرولۇق پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتىسىنىڭ «سان جەھەتتە قاپلاش»نى كۆزلەشتىن «سۈپەت جەھەتتە قاپلاش»نى كۆزلەشكە يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىككى باسقۇچلۇق نىشان كونكرېت بېكىتىلدى: 2027 - يىلىغا بارغاندا، ئاپپارات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قاتتىق ماتېرىيال كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ؛ 2030 - يىلىغا بارغاندا، ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق بولۇش، مۇلازىمەتتىن تېخىمۇ قولاي مەنپەئەتلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىكى تۈپ مەقسەت ھەربىر شەھەر - يېزا ئاھالىسىنى مەھەللە، يېزا - كەنت ياكى چارۋىچىلىق رايونىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاساسىي، ئىشەنچلىك، قولاي داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، «كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش −
شەھەر - يېزىلاردا تۈرگە ئايرىپ تور نۇقتىسى بەرپا قىلىنىدۇ
«لايىھە»دە يېزا - بازار، يېزا ۋە شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھالىتىگە قارىتا تۈرگە ئايرىلغان، ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن بەرپا قىلىش يولى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېزا - بازار قاتلىمىدا، ئورۇن بېكىتمىسى ئېنىق بولغان ئۈچ دەرىجىلىك دوختۇرخانا سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە فۇنكسىيە سىجىللىقىغا ئاساسەن قاتلام - دەرىجىگە ئىلمىي ئايرىلىپ، پەرقلىق تەقسىملەش ۋە مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى قىلىنىپ، ھەربىر يېزا - بازاردا ئاز دېگەندە بىردىن دوختۇرخانا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاساسىي داۋالاش ۋە ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ھەر 1000 نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كارىۋات ئورنى سەپلەش ئۆلچىمى 0.8دىن 1.0گىچە بولۇپ، ئاپپاراتتىكى ئومۇمىي كارىۋات ئورنى 100دىن ئاشۇرۇلمايدۇ ھەم ھەربىر كارىۋات ئورنىغا ئاز دېگەندە 0.7 نەپەر سەھىيە تېخنىكا خادىمى سەپلىنىدۇ؛ مەركىزىي يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار مۇشۇ ئاساستا سۈپەتنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئادەتتە نوپۇس مەركەزلەشكەن، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى كەڭ بولغان رايونلاردا تەسىس قىلىنىدۇ. ئاساسىي مۇلازىمەتتىن باشقا، يەنە رايون خاراكتېرلىك داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا بىرلەشتۈرۈپ بەش ئەزا بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس بۆلۈملەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە بولىدۇ؛ نۇقتىلىق مەركىزىي يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ، مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ھەر 1000 نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان كارىۋات ئورنى سەپلەش ئۆلچىمى 3.5تىن ئاشۇرۇلىدۇ، سەھىيە تېخنىكا خادىملىرى پۈتۈن دوختۇرخانىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۈردىكى دوختۇرخانىلار بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاشنى ئۈستىگە ئېلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى «ئىشىك ئالدى»دىلا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
يېزا قاتلىمىدا، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھەربىر مەمۇرىي كەنتتە بىر ئۆلچەملەشكەن كەنت داۋالاش ئۆيى ياكى داۋالاش (سەييارە) مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئورتاق قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئادەتتە كەنت داۋالاش ئۆيىنىڭ كۆلىمى 60 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئاز دېگەندە بىر لاياقەتلىك دوختۇر سەپلىنىدۇ. مۇلازىمەت قىلىنىدىغان نوپۇس كۆپ ياكى ئەتراپتىكى رايونلارنى قاپلىغان مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ مەركىزىي كەنت داۋالاش ئۆيى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئەسلىھەلەرنىڭ ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئۈچكىچە دوختۇر ۋە بىر سېسترا سەپلىنىدۇ. نوپۇسى ئاز ياكى چەت، يىراق جايلاردىكى مۇقىم نۇقتا تەسىس قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان مەمۇرىي كەنتلەردە داۋالاش (سەييارە) مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، قەرەللىك سەييارە دىياگنوز قويۇش، ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشقا ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مۇلازىمەتتە «ئۆلۈك بۇلۇڭ» قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
شەھەر مەھەللىلىرى قاتلىمىدا، مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاپپاراتلار سانى كۆپەيتىلىدۇ. ئاپپارات تەسىس قىلىنمىغان كوچا باشقارمىلىرىدا مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇرىدۇ ياكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى كېڭەيتىپ قۇرىدۇ. نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان كوچا باشقارمىلىرىدا كۆلەمنى كېڭەيتىشكە ياكى مەركەزنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا بولىدۇ، مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ھەر 3000 نوپۇسقا ئاز دېگەندە بىردىن ئۇنىۋېرسال ۋىراچ، سېسترا، ئالدىنى ئېلىش - ساقلىق ساقلاش خادىمى سەپلىنىدۇ. مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى ئۈنۈملۈك تولۇقلىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ، مۇلازىمەت دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولغان مەھەللىلەردە مۇۋاپىق تەسىس قىلىنىپ، ئاز دېگەندە بىردىن ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي ۋىراچ ۋە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان كەسپىي ۋىراچ سەپلىنىپ، پونكىت - نۇقتىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئىشەنچلىكلىكى ئاشۇرۇلىدۇ.
مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش −
ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدۇ
كېسەل كۆرسىتىشتە ئارىلىق تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، تېخىمۇ قولايلىقلىشىدۇ. «15 مىنۇتتا يېتىپ بارالايدىغان بولۇش» پىرىنسىپى داۋالىنىشتىكى ۋاقىت - بوشلۇق ئارىلىقىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىدۇ. مەيلى شەھەر ئاھالىلىرى بىنادىن چۈشۈپلا يېتىپ بارالايدىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى بولسۇن ياكى دېھقان - چارۋىچىلار قىسقا ۋاقىتتا يېتىپ بارالايدىغان كەنت داۋالاش ئۆيى ياكى سەييارە داۋالاش نۇقتىسى بولسۇن، تۇنجى دىياگنوز قويۇش ۋە كۈندىلىك ساغلاملىق بويىچە پەرۋىش قىلىش تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.
كېسەل كۆرسىتىش تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. قاتلامغا ئايرىپ بەرپا قىلىنىدىغان دوختۇرخانا سىستېمىسى دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تېخىمۇ كەسپىي دىياگنوز قويۇش - داۋالاشقا ئېرىشىدىغانلىقى، جىددىي، ئېغىر كېسەللىكلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇتقۇزۇپ داۋالاش ۋە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كەنت داۋالاش ئۆيى داۋالىنىش كاپالىتى بويىچە بەلگىلەنگەن نۇقتا قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى بىۋاسىتە يېنىكلىتىلىدۇ.
مۇلازىمەت تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ ئىللىق بولىدۇ. «لايىھە»دە ئالدىنى ئېلىش - ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق بويىچە پەرۋىش قىلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى نۇقتىلىق تەكىتلىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرىنىڭ نوقۇل ھالدا كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىن ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەتكە قاراپ يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. چارۋىچىلىق رايونى، چېگرادا مۇقىم، سەييارە كېسەل كۆرۈش ئارقىلىق، ئامما خاتىرجەم قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ ساغلاملىق كاپالىتى ھارارىتى ھېس قىلدۇرۇلىدۇ.
جانلىق كاپالەتلەندۈرۈش −
تارماقلار ماسلىشىپ بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «لايىھە»دە تۈزۈم ۋە مېخانىزم جەھەتتە بىرقانچە مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش نامايان قىلىنغان.
«ئاپپارات مەركىزى» «مۇلازىمەت ۋە ئېھتىياج مەركىزى»گە ئايلاندۇرۇلىدۇ. «بىر كەنتتە بىر داۋالاش ئۆيى بولۇش» تەلەپ قىلىنمايدۇ، بەلكى نوپۇس، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، قاتناش قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن «مەركىزىي كەنت داۋالاش ئۆيى» ۋە «سەييارە داۋالاش مۇلازىمەت نۇقتىسى» جانلىق تەسىس قىلىنىپ، بايلىقنىڭ ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملىنىشى بىلەن مۇلازىمەتنىڭ ماھىيەتلىك قاپلىنىشىنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى، مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ھەرىكەت ھالىتىدە ئاپپارات فۇنكسىيەسى ئالماشتۇرۇلۇپ ياكى بايلىق بىرىكتۈرۈلۈپ، بايلىق بىكار تۇرۇپ قېلىش ياكى تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ؛ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى پەرقلىق بولۇش يولى يولغا قويۇلىدۇ. يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار «ئادەتتىكى دوختۇرخانا، مەركىزىي دوختۇرخانا، نۇقتىلىق مەركىزىي دوختۇرخانا»دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ ھەم ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم بويىچە سەپلىنىدۇ، بۇ، ئاساسىي قاتلام ئىقتىدارىغا دەل جايىدا مەبلەغ سېلىش، ئۇنى پەلەمپەيسىمان يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئىلمىي يولى.
كۆپ تارماق ماسلىشىپ كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى كۈچەيتىلىدۇ. «لايىھە»نى 11 تارماق بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇش، مالىيە كاپالىتى، ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈلۈپ، سىياسەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تارماق ھالقىغان پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خۇسۇسىيىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى تورىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئالاھىدە تەكىتلەندى.






