تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شەھەردىكى ئۇچقاندەك ماڭغۇچىلار»نى ئىللىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قابا ناھىيەسى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان بولۇپ، چوڭ - كىچىك كوچىلاردا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان ۋەيمەي توشۇغۇچىلار تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئۇچقاندەك مېڭىۋاتاتتى.

«رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى تىلغا ئالدى، داھىينىڭ غەمخورلۇقى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى» دېدى قابا ناھىيەسى ئېرتىش دەرياسى تېز يەتكۈزۈش ئالاقە تورى تۇرمۇش مۇلازىمەت پونكىتى(تاۋباۋ شەنگوۋ)نىڭ شەھەر دىرېكتورى گاۋ جيې.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، ئىگىلىك تىكلەشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، گاۋ جيې يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ۋەيمەي كەسپىگە قارىتىپ، چىڭگىل ناھىيەسىگە كېلىپ «ئېلېما» كوللېكتىپىغا قوشۇلدى. «ۋەيمەي كەسپىدە جىسمانىي جەھەتتىن كۈچەشتىن باشقا، يەنە ئەقلىي جەھەتتىن كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ.» گاۋ جيې مۇنداق دېدى: تېز يەتكۈزۈش، ياخشى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شۇ جاينىڭ يوللىرىنى پىششىق بىلىشكە، يەنە لىنىيەنى مۇۋاپىق پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى ئىنچىكە ھالقىلارغا، مەسىلەن، سودىگەرلەر بىلەن زاكاز نومۇرى ۋە تاماق تۈرلىرىنى سېلىشتۇرۇش، ياخشى مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىنى ساقلاش قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.

ئىپادىسى قالتىس بولغاچقا، 2022 - يىلى، گاۋ جيې «ئېلېما»نىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى شەھەر دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، كېيىن قابا ناھىيەسىگە ئەۋەتىلدى. 2025 - يىلى، ئۇ شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» نامىغا ئېرىشتى. «بۇ جەرياندا ئەڭ كۆپ ھېس قىلغىنىم جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بۇ كەسپىمىزگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى بولدى، مېنىڭ بۇ شەرەپكە ئېرىشىشىم دەل ئەڭ ياخشى ئىسپات» دېدى گاۋ جيې.

گاۋ جيې يەنە ئىللىقلىققا تولغان تەدبىرلەردىن دائىم تەسىرلىنىدۇ: تىجارەتچىلەرنىڭ ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنى مەخسۇس ئالاھىدە باھالىق تاماق بىلەن تەمىنلىشى؛ خېرىدارلارنىڭ تومۇز ئىسسىق مەزگىلىدە بىر بوتۇلكا سۇ سۇنۇشى؛ قابا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۆپچىلىكنى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللىشى؛ جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش، ئارام ئېلىشى قىيىن بولۇش، ھاجەتخانا تېپىشى قىيىن بولۇش، توك قاچىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشى... «بۇ تەدبىرلەر كۆپچىلىكنىڭ بۇ كەسىپنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى».

ۋەيمەي توشۇغۇچىلار يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ تۆت پەسىلدىكى ئۈچ ۋاق تامىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. قانداق قىلغاندا ئۇلارنى شەھەرگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنىڭ «يېقىن تۇغقىنى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى بۇ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرقايسى تارماقلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كۆيۈنۈش - مۇلازىمەت قىلىش، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى.

2025 - يىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى قاتناش، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، پوچتا قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىپ، 519 پارچە ئەمگەك توختامى، 152 پارچە يازما كېلىشىم ئىمزالىشىغا ياردەم بەردى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە «ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدىكى <يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەر>گە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئون مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، قانۇن ياردىمى بېرىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتاي ۋىلايىتى يەنە «كارخانىلارغا بىرلىكتە نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ تۈرلۈك تەشكىلاتلىرىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى توپلىدى، نۆۋەتتە قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنىڭ بېجىرىلىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق توپلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن يىچېن مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋىلايىتىمىز «بىر ناھىيە(شەھەر)دە بىر مەركەز + N پونكىت - نۇقتا بولۇش» مۇلازىمەت بازىسى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش سورۇنىدىن 387نى، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۆتىڭىدىن 303نى قۇردى، 256 دۇكانغا «يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان دۇكان» دېگەن ۋىۋىسكىنى ئاستى. 2026 - يىلى، ئۈچ دەرىجىلىك بازا سېپى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن رايون مۇلازىمەت تورى قۇرۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى «چارچىغاندا ئارام ئالالايدىغان، ئۇسسىغاندا سۇ ئىچەلەيدىغان، بىكار بولغاندا توك قاچىلىيالايدىغان، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم تەلەپ قىلالايدىغان بولۇش» ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن بويىچە ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش يولىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىلتىماس - تەلەپلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

«يەنە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، تۈجۈپىلەشكەن، كۆپ خىللاشقان، دائىملاشقان جەمئىيەت توپى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز.» فەن يىچېن مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە رېئال ئېھتىياجىغا قويۇپ، دىققەتنى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈش، كاپالەت تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆيۈنۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش كەچۈرۈش، پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈرەش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.