
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 20 مىليون 150 مىڭ 400 كىلوۋات/ 70 مىليون 537 مىڭ 600 كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 20 مىليون كىلوۋاتلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.
دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش قەدىمىنى سىجىل تېزلەتتى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 250 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 161 مىليون كىلوۋات بولۇپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىدىن ئالتىسى قۇرۇپ چىقىلدى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئېشىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى.
ئېنېرگىيە ساقلاش − يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبىي قىسمى، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىشتا ئارىلاپ ئۈزۈلۈپ قېلىش، داۋالغۇش بولۇش قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى يادرولۇق تەدبىر. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يېڭى ئېنېرگىيە سەپلەش قۇرۇلۇشى بويىچە ئېنېرگىيە ساقلاش بىلەن مۇستەقىل ئېنېرگىيە ساقلاشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، كۆپ خىل، بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىيات سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى.
2025 - يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بويىچە يىللىق توك قاچىلاش مىقدارى جەمئىي 9 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەت، توك تارقىتىش مىقدارى 7 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، تەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سائەت سانى 1733 سائەتكە يېتىپ، شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش داۋالغۇشى ئۈنۈملۈك تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى «چىقىرالايدىغان، ساقلىيالايدىغان، مۇقىم يەتكۈزەلەيدىغان» بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
«يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونى بولۇشتىن تېز سۈرئەتتە ئېنېرگىيە ساقلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچلۈك رايونى بولۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، توك مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، ئېنېرگىيە ساقلاشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئورۇنلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزى سۇ ئېلېكتىر ۋە يېڭى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى گوچىڭ.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە ساقلاشنى تورلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش، قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە ساقلاشنى بازارلاشتۇرۇش سودا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە ساقلاشتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.






