□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
2025 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟ 2025 - يىلى 12 - ئايدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل بولىدۇ، بۇ يىل تاماملاندى، لېكىن تاماملاش ۋەزىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يەنىلا يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان چوڭقۇر ئويلىنىشى، ئورتاق بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىنتىلىشىنى چوڭقۇر نامايان قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىمىزنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭ ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە نامراتلىق دائىرىسى ئەڭ چوڭ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭقۇر رايونلارنىڭ بىرى ئىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە تولۇق ئاتلىنىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتۇق. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، شىنجاڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە يار - يۆلەك بولۇش ئۈنۈمىنى پائال ئۆستۈرۈپ، «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاشنى نىشان قىلىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، نامراتلىق قىياپىتىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلغان شىنجاڭدىكى كەڭ يېزىلاردا زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش تەدرىجىي باشلاندى.
«15 - بەش يىل»غا قەدەم قويغاندا، تەرەققىيات يەنىلا تۈرلۈك ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ئاساسىنى پۇختىلاش باشتىن - ئاخىر تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». قەتئىي تۈردە مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بوشاڭلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىزنىڭ جەزمەن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىزنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش، كېسەللىك تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىش، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
كۈرەش ساپىنى ئارقىلىق ئۈمىد دالاسى چوڭقۇر ئاغدۇرۇلدى، ئەمەلىي ئىشلەش قەلىمى ئارقىلىق گۈللىنىش گۈزەل مەنزىرىسى سىزىپ چىقىلدى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولايلى.






