− شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
قىش كۈنلىرىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدە قاتتىق سوغۇق بولۇۋاتاتتى، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قۇلانساراق يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ لەنچى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى جىغان چېيى زاۋۇتىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى. ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، خىزمەتچى خادىم مەمەتنۇر ئىبرايىم ئۈسكۈنىلەردە پىششىق مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى: «ئىلگىرى سىرتتا ئىشلەپ يىل بويى ئۆيدە تۇرالمايتتىم، كىرىمىممۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى. ھازىر ھەر ئايدا مۇقىم ئىش ھەققىم بار، زاۋۇت بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى يېقىن، يەنە چوڭلار ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن.» سېخنىڭ يېنىدا، «چىڭكېزى» ماركىسى بېسىلغان جىغان چېيى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىۋاتاتتى.
مەمەتنۇرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كەچۈرمىشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.
2025 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاخىرقى بىر يىلى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك بولدى، كەسىپلەر گۈللەنگەن، يېزا - كەنتلەر ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، جەمئىيەت ئىناق بولغان يېپيېڭى مەنزىرە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەدرىجىي نامايان بولدى.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان كەيپىيات قەلبلەرنى ئىللىتتى، بەخت ناخشىغا جور بولدى
يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ پۇقرالار شادلىققا چۆمدى، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەپ چېھرىدىن خۇشاللىق ئۈزۈلمىدى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا غەم - ئەندىشىسىز ياشاشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكىچە، ماددىي جەھەتتىكى باياشاتلىقتىن مەنىۋى جەھەتتىكى باياشاتلىققىچە بولغان كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بەخت ئاساسىي رېڭى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات ئىچىدە بارغانسېرى قېنىقلاشتى.
قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرى − شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بولغان نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كىرگەندە، قاتار - قاتار بىنالار رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كۆكەرتىش رايونى بار ئىدى. 45 ياشلىق كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل سايىت چىرايلىق كىيىنگەنىدى: «ئىلگىرى تاغدا يەر تېرىغاندا، قوي باققاندا ئۈستبېشىمىز توپا بولۇپ كېتەتتى، سۇنىمۇ تېجەپ ئىچەتتۇق، نەدىمۇ ياسىنىشقا رايىمىز بولسۇن؟ ھازىر ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ھەر كۈنى چىرايلىق ياسىنىپ سىرتقا چىقالايمىز».
كەنت ئاھالىسى ئايخان توختى ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدا مېۋىلىك دەرەخلەر قاتار ئۆسكەن، ئۆي ئىچى پاكىز ۋە رەتلىك ئىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تاغدا سۇ كەمچىل بولغاچقا، تۇرمۇش كەچۈرۈش تەس ئىدى، بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئازادە ئۆيدە ئولتۇرالايدىغانلىقىمىزنى، پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغانلىقىمىزنى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنىڭ بۇنچە قولايلىق بولىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز».
نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى سىجىل ئاشتى. گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەخمۇت توختى بىر كىچىك دەپتەرنى چىقىرىپ، 2025 - يىلىدىكى كىرىمىنى ھېسابلاپ بەردى: «4.4 مو يەرگە گۇالوۋ تېرىپ، 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم؛ خوتۇنۇم گۇالوۋ ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ تېخنىكا ماھىرى، مۇقىم مائاشى بار؛ كالا بېقىپ، قوي بېقىپ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمىز...»
كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئالىمجان ئەلى يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، سۆكسۆك، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي پەرۋىش قىلىشتىن پايدىلىنىپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 136 موغا يەتكۈزدى، يىللىق كىرىمى 136 مىڭ يۈەن بولۇپ، كۆچۈشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە قاتلاندى. پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى باغۋەن ئىمىنجان 50 مو يەردە شىنمېي ئۆستۈردى، 2025 - يىلى كىرىمى 390 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، تۇرمۇشتا ماھىيەتلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
روھىي قىياپەت يېڭىلاندى، تۇرمۇش تېخىمۇ جانلاندى. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنجان مەمەت مۇخبىرغا يېڭىدىن سېتىۋالغان تەبىئىي گاز ئوچىقىنى كۆرسەتتى: «تاماق ئەتسەك، چاي قايناتساق ئەمدى كۆمۈر، ئوتۇن قالىمايدىغان بولدۇق، ھەر ئايلىق يېقىلغۇ گاز ھەققىمۇ يۇقىرى ئەمەس، پاكىز ھەم تېجەشلىك.» بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەنت ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يېپىق ھالقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %98كە يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى بوش ۋاقىتلىرىدا كەنتتىكى كىچىك مەيدانغا بېرىپ ئارام ئېلىپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، دېھقانلار كىتابخانىسىغا بېرىپ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى ئارقىلىق مال سېتىۋالالايدۇ.
قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرىدا، ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش بىلەن نام چىقارغان سىگۇڭ كەنتى «خۇاڭخۇاڭ كەنتى»گە ئايلاندى، 68 خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، باشقا جايلاردىن كەلگەن 160تىن ئارتۇق «يېڭى كەنت ئاھالىسى» بۇ جايدا يىلتىز تارتىپ، يېزا - كەنت مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. 2025 - يىلى، كەنت كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 3 مىليون يۈەندىن ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرى «ساياھەت تامىقى» يەپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى.
كەسىپلەر ئاساس سالدى، گۈللىنىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى
نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارغا سىجىل تەرەققىيات قۇۋۋىتى قوشتى.
كەسىپ ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش يادرو قىلىنىپ، «بىر ناھىيەدە بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» ئەندىزىسى يېتىلدۈرۈلدى. ئاقچى ناھىيەسى جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ جىغان كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، 26 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، 150 نەچچە ئادەم قېتىمنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ پەيزاۋات ناھىيەسى تۇرۇبا ئارقىلىق زەي چىقىرىۋېتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ شورلۇق يەرنى ياخشىلاپ، 450 مىڭ مو يەردە شىنمېي ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 10 مىڭغا يېقىن باغۋەننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ تولى ناھىيەسى چارۋىچىلىق كەسىپ باغچىسى 500 مىڭ نەسىللىك ئۆردەك كۆپەيتىش ھەم باقمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى قۇرۇپ، 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇڭگو جۇڭچې جۇجوۋ شىدەي يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قومۇل شۆبە شىركىتىنىڭ قاناتنى شەكىلگە كەلتۈرۈش سېخىغا كىرگەندە، ئىشچىلار مەشغۇلات سۇپىسى ئالدىدا ئەينەك تالا ياتقۇزۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى.
«ئۆيىڭىز قەيەردە» «ئايلىق مائاشىڭىز قانچە پۇل» «ئائىلىڭىزدە قانچە جان بار، پۈتۈن يىللىق كىرىمىڭىز قانداقراق»... بۇ سوئاللارنى ئاڭلاپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش - يۆتكەپ توشۇش 2 - بەنىنىڭ بەنجاڭى مايىرجان باقىت كۈلۈپ كەتتى: «مەن باركۆلدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان يەرلىك ئائىلە، دەسلەپتە بۇ جايغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا كۆنەلمىگەنىدىم، ئۇستام ماڭا قولمۇقول ئۆگەتتى. ھازىر مەن بەنجاڭ بولدۇم، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىم 9000 يۈەن ئەتراپىدا، پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى».
بۇ زاۋۇت شۇ جايدىكى ئاممىدىن 170 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مايىرجانغا ئوخشاش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىدىن 33 كىشى بار. سىستېمىلىق تەربىيەلەش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى دېھقان - چارۋىچىلار زامانىۋى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ئىشىك ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپلا قالماي، تۇرمۇشى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشىلاندى.
كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. شىنجاڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتقا تايىنىپ «قىزىل، قىزغۇچ، سېرىق، يېشىل» ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بەش دەرىجە ھەمتۈرتكە بولۇپ دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار رەھبەرلەر ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش، جەمئىيەت يار - يۆلەك بولۇش ۋە كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىنى ھېسسىيات ئىللىقلىقىغا تولغان كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
بىر مەقسەتتە كەلگۈسىگە ئاتلاندى، ئورتاق بېيىش شانلىق سەھىپىسى پۈتۈلدى
شەھەر - يېزا ماسلىشىش، كادىرلار بىلەن ئامما قەلبداش بولۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش، كارخانىلار كۈچ قوشۇش... نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن جايلاردا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرىغىچە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن يەرلىك كارخانىلار، مېھرىبان زاتلارغىچە، ئۈزۈلمەس ياردەم بېرىش، يار - يۆلەك بولۇش، خالىس مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش مەۋج ئۇرۇپ توپلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، بىر مەقسەتتە كەلگۈسىگە ئاتلىنىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
2022 - يىلى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى مەبلەغ سېلىپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى قارىيا كەنتىدە ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت بىناسى سېلىشقا يار - يۆلەك بولدى ھەم ئوت مۇداپىئە سۇ كۆلچىكى، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان توك تەقسىملەش ساندۇقى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ماكانلىشىشىنى ئەلا سۈپەتلىك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. قارىيا كەنتى رۈنگېڭ تيەنشيا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، لازا قۇرۇتۇش، ئۇۋىتىش قاتارلىق پىششىقلاش كەسپىگە كۆڭۈل بۆلدى، يىلدا پىششىقلىنىدىغان يېڭى لازا مىقدارى 3000 توننىغا يېتىپ، ئۆز جايى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ لازا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى جانلاندۇردى.
مايتاغ رايونىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشى بىلەن، قارىيا كەنتى كەسىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىشتىن ئىبارەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقىپ، رايون ئىچىدە دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، ئورتاق بېيىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نەمۇنىچىسىگە ئايلاندى.
چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، قېزىلما بايلىق جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئۆزگىچە، 1 مىليون 800 مىڭ توننا كالىي سۇلفات، 65 مىڭ توننا لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەر 3300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. يېزا ياشلىرىنىڭ سانائەت تېخنىك ئىشچىلىرىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ غەملەپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى چاقىلىق كەسىپلەر شۆيۈەنىنى قۇردى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا - كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتى سىجىل ياخشىلاندى، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، نامراتلىق قىياپىتىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلغان يېزا - كەنتلەر زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈرۈش قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېزىلىرىدا بىخەتەر تۇرالغۇ نىسبىتى %100كە يەتتى، تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يەتتى، ئېلېكتىر تورىدا توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى %99.9كە يەتتى، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە 5G تورىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %92كە يەتتى، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە تېز يوللانما مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %96تىن كۆپرەككە يەتتى، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %63كە يەتتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %90كە يەتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان يېزا - كەنتلەر دېھقان - چارۋىچىلار ئەمىن ئۆيدە تۇرمۇشىنى بەختلىك ئۆتكۈزىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىيدىغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلانماقتا.






