تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 6 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى ئۇدا 32 يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 165 مىڭ توننىغا يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 479 مىڭ توننا ئېشىپ، تۇنجى قېتىم 6 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ھوسۇلىنىڭ %92.8ىنى ئىگىلىگەن، ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى ئۇدا 32 يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرى، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يېتەرلىك بولدى، ھاۋارايى شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن پايدىلىق بولۇپ، كۆپ قىسىم رايونلاردا كېۋەزنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى بالدۇر بولدى، بولۇپمۇ ئېچىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، كېۋەز غوزىسىنى يىغىۋېلىشقا پايدىلىق بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېتىز پەرۋىشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشى شىنجاڭنىڭ پاختا بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 158.6 كىلوگىرامغا يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %2.4 ئاشقان.

2025 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ «ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئاساسلىق پاختا ئىشلەپ چىقىرىدىغان 34 ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 73 تۇەن - مەيدان (دېھقانچىلىق مەيدانى)غا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى كېۋەزنى يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك ئۆستۈرۈش تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزۈپ، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەزگە ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ئۆستۈرۈش تېخنىكا لۇشيەنىنى تۈزۈپ، شىنجاڭ پاختىسىنى ماشىنلاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خادىملىرى كېۋەز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىغا تايىنىپ، «ئاقىل كېۋەزلىك»نى نۇقتىدا سىناق قىلىپ بەرپا قىلىپ، كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشقا دىياگنوز قويۇش، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دەل جايىدا باشقۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق تۈجۈپىلىك تېرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش قاتارلىق ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.