«ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدىن ناھايىتى خۇش بولدۇم، بۇ يىل ياش-ئۆسمۈر قىز-ئوغۇل ماھىرلار يىراققا سەكرەش، ئۈچ ئاتلاپ يىراققا سەكرەش، 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىنمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، قازاقىستان ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى ئىرىنا لاشكارېۋا.
شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون(يېڭىشەھەر رايون)لۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان 2-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا تەكلىپ مۇسابىقىسى ۋە 2026-يىللىق شىنجاڭ زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، مۇسابىقە ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىدىكى ماھىرلار 60 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە.
«بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جەمئىي 780 ماھىر قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 43 نەپەر تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېر تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش-ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆگىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەشىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى چېن جۈن.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، قازاقىستانلىق ماھىر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە كۈچەپ سەكرىمەكتە.
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، چويۇن توپ ماھىرى ئەرلەر ياشلار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن چويۇن توپ ئاتماقتا.
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەرلەر ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ 60 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ماھىرلار پەللىدىن چىقماقتا.
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەرلەر ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىر توغرا تاياقتىن ھالقىپ ئۆتمەكتە.






