تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

پەقەت بىر ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايغا توشقاندا ئاندىن يىللىق دەم ئېلىش بارمۇ؟

    1. يىللىق دەم ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئورۇندا خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل توشقان بولۇشى كېرەكمۇ؟

   «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقانلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

   «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقانلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

   ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «‹كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى›گە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋاب خېتى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىسى [2009] 149-نومۇرلۇق)دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان بولۇش» ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى بىرلا ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 12 ئايدىن ئاشقان بولۇش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 12 ئايدىن ئاشقان ئەھۋالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا-سانائەتچى قاتارلىق ئورۇنلاردا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خىزمەت ئىستاژىغا ھېسابلاشقا بولىدىغان باشقا ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (خىزمەت ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ).

   ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى ئارخىپ خاتىرىسى، ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ئەمگەك توختامى ياكى قانۇن كۈچىگە ئىگە باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ.

  2. قانچىلىك دەم ئېلىشقا بولىدۇ؟

 جەمئىي خىزمەت قىلغان ۋاقتى

بىر يىلغا توشقان 10 يىلغا توشمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى بەش كۈن

10 يىلغا توشقان 20 يىلغا توشمىغانلارنىڭ

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 10 كۈن

20 يىلغا توشقانلارنىڭ

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتى 15 كۈن

دىققەت!

دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى، ئارام ئېلىش كۈنى

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ

ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان

تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشى، توي، ئۆلۈم ئۇزىتىش دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى قاتارلىق 

دۆلەت بەلگىلىگەن دەم ئېلىش ۋاقتى

ھەمدە ئىشتا يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلى

يىللىق دەم ئېلىش ۋاقتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ

  3. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە يىللىق دەم ئېلىش ئالمىغان بولسا، خىزمەتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشلىگەن ئورنىدىن تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

  «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى-خىزمەتچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، شۇ يىلى ئىشچى-خىزمەتچىنى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىغان بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ شۇ يىللىق خىزمەت ۋاقتىنى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىش كۈنىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىشى ھەمدە دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش ئىش ھەققىنى بېرىشى كېرەك، لېكىن سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن بىر كۈنگە يەتمىگەن قىسمىغا دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش ئىش ھەققى بېرىلمەيدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۇندۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلى

  (شۇ يىلى شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغان كالېندار كۈن سانى ÷ 365 كۈن) × ئىشچى-خىزمەتچى پۈتۈن بىر يىلدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى-شۇ يىلى يىللىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈن سانى.

  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ يىلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، سۇندۇرۇپ ھېسابلانغان يىللىق دەم ئېلىشقا تېگىشلىك كۈن سانىدىن ئېشىپ كەتسە قايتا تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.

  4. يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەقەت ئاساسىي مائاش تارقىتالامدۇ؟

«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق دەم ئېلىش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن

ھەرقايسى ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە

نورمال خىزمەت مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش

مائاش كىرىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

«خەلق گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.